مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرىيەتتە ھورۇنلۇق قىلىش «تەكرار ئىسپات تەلەپ قىلىش»تىنمۇ بەكرەك يىرگىنچلىك

2020.11.12 19:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، بىر ئەر كىشىنىڭ يەتتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ «دادىسىنىڭ ئۆز دادىسى ئىكەنلىكىنى» ئىسپاتلىشى نەتىجىسىز بولغانلىقتىن، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى گۇاڭدۇڭغا بېرىپ، نەق مەيداننى تەكشۈرگەنلىكى جەمئىيەتتە قىزغىن غۇلغۇلا قوزغىدى.

  ئالەمدىن ئۆتكەن دادىسىنىڭ ئامانەت پۇلىنى ئېلىش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭدىكى چېن ئەپەندى بىر «خالتا كوچا»غا كىرىپ قالغان. بانكىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، پۇلنى ئالماقچى بولسا، چوقۇم ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىكەن؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، نوپۇس دەپتىرى بارلىق تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغان بولغاچقا، يەنە ساقچىخانىنىڭ ئالاقىدار ئىسپاتلارنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن؛ ساقچىخانىنىڭ قارىشىچە، چېن ئەپەندى بىلەن دادىسى بىر نوپۇس دەپتىرىدە بولغان ئىكەن، ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلگىلىمە بويىچە ساقچىخانا ئىسپات چىقىرىپ بېرەلمەيدىكەن؛ ئاھالىلەر كومىتېتىمۇ ئوخشاشلا، بەلگىلىمە بويىچە ئىسپات چىقىرىپ بېرەلمەيدىكەن... ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاساسى بار، لېكىن چېن ئەپەندى تورنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قېلىپ، پايپېتەك بولۇپ يۈرسىمۇ، ئىسپات چىقىرىش ئىشلىرى تۈگىمىدى.

  قارىماققا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بۇ قىيىن مەسىلە، گوۋۇيۇەننىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېتىپ بېرىشى بىلەنلا دەرھال ھەل بولدى. يەنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنى خەت ئەۋەتىپ، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدىن بىر پارچە ئىسپات تەلەپ قىلدى. ئەسلىدە خىزمەتچى خادىملار قول-پۇتلىرىنى ئازراق مىدىرلىتىپلا قويسا، ئاممىنى ھەر تەرەپكە قاتراشتىن ساقلاپ قالاتتى، ئەمما ھەممىسى ئىشنى چېن ئەپەندىگە ئىتتىرىپ قويدى، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بەزى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ قەلبىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئويى يوق، پەقەت ئۆزىگە قولايلىق بولۇشنىلا ئويلايدۇ. بۇنداق سۈنئىي پەيدا قىلىنغان «ئىش بېجىرىش تەس» بولۇشنىڭ ئارقىسىدىكى ئاشكارىلانغان مەمۇرىيەتتىكى ھورۇنلۇق «تەكرار ئىسپات تەلەپ قىلىش»تىنمۇ بەكرەك يىرگىنچلىكتۇر.

  مەمۇرىيەتتىكى ھورۇنلۇق دېگەن سۆزگە قاراپلا ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەمۇرىيەتتە ھورۇنلۇق قىلىش دېگەنلىك − ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەلدارلىق ئورنىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئەمەلدارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، جانسىز مۇردىغا ئوخشاش قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قىلىدىغاننى ياخشى قىلماسلىقتۇر. مەزكۇر مىسالدىكى خادىملار بىر بولسا ئاممىغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويغان؛ ياكى بولمىسا ئىش بېجىرىش جەريانىدا تەپەككۇرى ئاددىي، تەشەببۇسكارلىقى كەمچىل بولغان بولۇپ، مەمۇرىيەتتە ھورۇنلۇق قىلىشنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىدۇ، ئۇلار بىر تەرەپ قىلىدىغان كەسىپلەر ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»دا ئەمەلىيلىشىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلار پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ «ئوبراز ۋاكالەتچىسى»دۇر. مەمۇرىيەتتە ھۇرۇنلۇق قىلىش، سۆرەلمىلىك قىلىش، نەتىجىسىزلىكنىڭ تارقىلىشچان «ۋىرۇس» بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ