خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 10-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا ئېچىلىش مۇراسىمىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سىنلىق شەكىلدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بىزنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش − ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ موھتاج. بىز يېڭىلىق يارىتىشنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ