- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئىككى نەپەر جۇڭگولۇق خادىم نىگىرىيەدە قازا قىلدى
ئەلچىخانا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزىمىنى يولغا قويدى
2012.11.09 16:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 8-نويابىردىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو ئاممىۋىي قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ نىگىرىيە تۈرى خىزمەت ئورنىدىكى ئىككى نەپەر جۇڭگولۇق خادىمنىڭ ئىش مەيدانىغا بېرىش يولىدا نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
خوڭ لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ نىگىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا بۇ ۋەقەنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى، نىگىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا دەرھال جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزىمىنى يولغا قويۇپ ، نىگىرىيە تەرەپتىن بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، دېلونى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى، مۇھىم تەدبىر قوللىنىپ، نىگىرىيەدىكى جۇڭگولۇق خادىملار ۋە ئاپپاراتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە