باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دىكى مۇھىم ئىشلار خاتىرىسى

2012.11.09 09:59        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ▲2004–يىلى، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر–بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى (2004–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە)›› گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ يولغا قويۇلدى. ‹‹پىلان››دا بېكىتىلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر – بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات فاڭجېنى ۋە ئىستراتېگىيەسىدە: ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر – بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدا ئۈرۈمچى شەھىرى يادرو، شىخەنزە، قاراماي، غۇلجا قاتارلىق رايون مەركىزىي شەھەرلىرى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بويىدىكى شەھەر – بازارلار زىچ رايونلارنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ كورلا، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق رايون مەركىزىي شەھەرلىرى مۇھىم نۇقتا، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى تايانچ قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر، بازارلارنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى قەدەممۇ قەدەم ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر – بازارلار مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، فۇنكسىيەسى ئېنىق، تەرەققىياتى ماس، ئېكولوگىيەسى ياخشى، ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ھەم مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە شەھەر – بازار سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.

  ▲ 2007 – يىلى 10 – ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ كەنت، بازار قۇرۇلۇشى ۋە كەنتلەرنى تۈزەش نەق مەيدان يىغىنى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا: كەنت، بازارلارنى پىلانلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنت، بازار قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ كىچىك شەھەر – بازار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كىچىك شەھەر – بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر – بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  ▲ 2008 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تۈزۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلىشىپ، كەنت، بازار پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئىشتاتلىق بازار ۋە %80 يېزا (بازار) ئومۇمىي پىلاننى، %40تىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنت كەنت پىلانىنى تۈزۈپ بولدى. شەھەر، يېزا پىلانىنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشەش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرىسال تەڭشەش رولى كۈنسايىن كۈچىيىپ، شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىندى.

  ▲ 2010 – يىلى 7 – ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹شىنجاڭنىڭ شەھەر – بازار سىستېمىسى يىرىك پىلانى (2012 – يىلىدىن 2030 – يىلىغىچە)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تۈزۈش خىزمىتى رەسمىي يولغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر. بازارلىشىش تەرەققىيات نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى چوڭقۇر مۇھاكىمە ۋە تەھلىل قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىچە شەھەر – بازارلاتۇرۇش تەرەققىيات يولىنى مۇۋاپىق تاللاش ئۈچۈن، شۇ يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پىلانى تەتقىقاتى (2011 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)›› نى تۈزۈپ چىقىپ، ‹‹سىستېما پىلانى›› نى نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  ▲ 2011 – يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانى››نى تۈزۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى يولغا قويدى. ‹‹ھەرىكەت پىلانى›› مەركىزىي شەھەرلەرنى زورايتىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش››، ‹‹كەسىپ تايانچلىق رولىنى كۈچەيتىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ياخشىلاش››، ‹‹ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، شەھەر – بازارلارنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش››، ‹‹ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – بازارلارنىڭ نوپۇسنى بېقىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش››، ‹‹پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – بازارلارنىڭ تۈزۈلمە، مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش›› قاتارلىق بەش جەھەتتىن 21 تۈرلۈك كونكرېت ھەرىكەت پىلانى بېكىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ساغلام، ئىلمىي ۋە سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە