باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يى ۋېيمىن توردا تارقالغان «پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىش جەدۋىلى» توغرا ئەمەس، ئالاقىدار لايىھە بۇ يىل ئېلان قىلىنىدۇ، دېدى

2016.03.10 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-مارت چۈشتىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇرۇن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يى ۋېيمىن خەلق سارىيى «مىنىستىرلار يولى» دا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: توردا تارقالغان ئاتالمىش «پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىش جەدۋىلى» توغرا ئەمەس. كونكرېت لايىھەدە، بۇ يىل ئالاقىدار تەرتىپلەر بويىچە پىكىر ئېلىش ئورگىنالى ئېلان قىلىنىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىنىپ ئاندىن رەسمىي لايىھە ئېلان قىلىنىدۇ.

  يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىش لايىھەسى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئاساسلىقى ياشانغانلار كۆپەيگەن ئەھۋالدا ئادەم كۈچى بايلىقىنى قانداق ئۈنۈملۈك ئېچىش نەزەردە تۇتۇلغان. ھازىر تورا تارقالغان ئاتالمىز «پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىش جەدۋىلى» توغرا ئەمەس، بولۇپمۇ پېنسىيەگە چىقىش يېشى جەھەتتە، ھازىر بېكىتىلگەن لايىھە بىلەن يەنىلا بەلگىلىك پەرق بار. يىن ۋېيمىن مۇنداق دېدى: پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى ئۇزارتىش لايىھەسىنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ پىرىنسىپقا بوي سۇنۇلىدۇ: 1. كىچىك قەدەم بىلەن ئاستا ئىلگىرىلەش، تەدرىجى ئىلگىرىلەش يولى؛ 2. پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇش؛ 3. مۇدەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىش، ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىش.

  يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: كونكرېت لايىھەدە، بۇ يىل ئالاقىدار تەرتىپلەر بويىچە پىكىر ئېلىش ئورگىنالى ئېلان قىلىنىپ، ئاندىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىنغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. لايىھەنى بېكىتىش جەريانىدا ۋە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە پىكىر ئېلىنىپ لايىھە مەزمۇنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر