باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>يېڭى خەۋەرلەر

جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى ۋە پېشقەدەم يولداشلارغا خاتىرە ئوردېنى تارقاتتى

2015.09.06 10:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  3 - سېنتەبىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىگە 70 يىل بولغان خاتىرە كۈن. مەركەز ج ك پ مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ نامىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، گېنېراللار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا «جۇڭگو خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى تارقىتىشنى قارار قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يېقىندا شىنجاڭدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلارغا خاتىرە ئوردېنى تارقاتتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا تۆھپىسى بار كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەنتەنىلىك ۋە قىزغىن كەيپىياتتا بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇلار: جاڭ سىشۆ، مەخمۇت يۈسۈپ، دۈەن بېيخەي، تيەن رۈيچىڭ، گو چىشيەن، يەن ۋېن، جاڭ يۇچيەن، ۋاڭ خېيۇ، مەمەتروزى قادىر، ئوۋ يۈن، ما جۈن قاتارلىقلار. جاڭ چۈنشيەن بۇلار بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۆز قولى بىلەن خاتىرە ئوردېنى ئېسىپ قويدى ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى.

  خاتىرە ئوردېننى ئېسىۋالغان، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولغانىدى. جاڭ چۈنشيەن جاڭ سىشۆگە خاتىرە ئوردېنى ئېسىپ قويغاندا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان بۇ پېشقەدەم جەڭچى ھەربىيچە چاس بەردى.

  بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن جاڭ سىشۆ 12 يېشىدا 8 - ئارمىيەگە قاتناشقان. ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىشتا شۇنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشمىز كېرەككى، ئارقىدا قالغانلار بوزەك بولىدۇ، چىرىكلەشكەندە دۆلەت مۇنقەرز بولىدۇ؛ دۆلەت ئار - نومۇسىنى، تارىخىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. بىز ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋلادلىرىمىزغا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەخمۇت يۈسۈپ مۇنداق دېدى: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ خاتىرە ئوردېنىغا ئېرىشىش ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ شەرەپ. گەرچە پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن. ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇش، بەختلىك تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھىغا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىق ۋە خاتىرىلىگەنلىك بولىدۇ.

  87 ياشلىق تيەن رۈيچىڭ ئۆز قولى بىلەن ياسىغان 8 - ئارمىيە ئايال جەڭچىسىنىڭ پۇرۇچ قونچىقىنى ئېلىپ كەلگەنىدى: بۇ ئايال جەڭچى بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆكرىكىنى تىك تۇتقىنىچە ئالدىغا قاراپ تۇرغان بولۇپ، بېلىگە ئىككى تاپانچا قىستۇرۇلغانىدى. پۇرۇچ قونچاققا يېزىلغان «ئىنقىلابىي قۇربان لىن لىن مەڭگۈ ھايات!»دېگەن خەت ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. 70 نەچچە يىل بۇرۇن، ئىنقىلابىي قۇربان لى لىننىڭ تەسىرىدە تيەن رۈيچىڭ 8 - ئارمىيەگە قاتناشقان. بۈگۈنكى كۈندە تيەن رۈيچىڭ ئانا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن لى لىننى باش قەھرىمان قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ يۈرۈشلۈك پۇرۇچ قونچاقلىرىنى تىكىپ چىقىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ھېكايىسىنى بالىلارغا ئېيتىپ بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش روھى، ئىنقىلاب ئەنئەنىسىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلادقا قالدۇردى. تيەن رۈيچىڭ 8 يېشىدا لى لىن بىلەن تونۇشقاندا لى لىن ئۇنىڭغا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ناخشىلىرىنى ئۆگىتىپ، ئىنقىلابىي ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىپ، قەلبىگە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇقىنى چاچقانىدى.

  جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا تۆھپىسى بارلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇ: ئۇلارنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى تارىخقا مەڭگۈ يېزىلىدۇ، دېدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇميۈزلۈك پارتلاپ، ۋەتەنگە ئاپەت كەلگەن خەتەرلىك پەيتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەغدىرداش بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى داغدۇغىلىق قوزغىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار تەقدىم قىلغان «شىنجاڭ» ناملىق ئون سوقۇش ئايروپىلانى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئۇچۇپ، داڭلىق «ۋۇخەننى قوغداش جېڭى»گە قاتناشتى؛ خوتەن ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقان ئەيسانىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، پۇل چىقىرالماي 18 ياشلىق ئوغلىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتتى؛ قازاق تۇل ئايال 50 سەر يامبۇ ئىئانە قىلدى، خەنزۇ شەھەر ئائىلىسى ئېرىدىن قالغان مىراسنى ئىئانە قىلدى، رۇس دوختۇر 50 تۇياق قوي، خۇيزۇ سودىگەر تىجارەتتىن قىلغان كىرىمىنى ئىئانە قىلدى... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاددىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈچنى مۇجەسسەملەش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش، ئۇلۇغ ۋەتەننى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشتىكى سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تارىخنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىدە نامايان قىلغان دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇنقەرز بولۇشىدا ھەربىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ھازىرمۇ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن بۇ بۆلەك تارىخنى ئەسلىمەكتىمىز، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ بۇ بۆلەك تارىختىكى قالتىس تۆھپىلىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئاكتىپ نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە ۋەتەننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئاڭلىق قوغداشقا يەنىمۇ چاقىرىپ ۋە يېتەكلەپ، بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرولۇقىدىكى ئۇلۇغ مىللىي روھنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش؛ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەسىرلىك ئاشۇ تارىختىن ئۇلۇغ روھىي كۈچ ئېلىپ ھەم ئۇنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، باي - قۇدرەتلىك، مەدەنىي - ئىلغار، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى»نى تارقىتىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ روھى بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان ھايات 1300 نەپەر پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم يولداش ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا تۆھپىسى بارلارنىڭ ئەۋلادلىرى ۋەكىللىرىگە «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرە ئوردېنى»نى تارقاتتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش»نى باش تېما قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى تەربىيە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر