خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازارلىق ھۆكۈمەتتىن جاڭ شىبىڭ خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاۋات ناھىيە بېشىرىق بازىرى ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنت ئاممىسى كەنت كومىتىتى چوڭ يىغىن زالىغا يىغىلىپ تېلۋىزوردىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ ھەربىي پاراتنى كۆردى.
بۇ ئۇلۇغ تارىخى مىنۇتلارنى ئەسلەش ئۈچۈن، بەشئېرىق بازىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى تەشكىللەپ ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70يىللىقى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70يىللىقىنى ئەسلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، بىر قانچە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ھۆكۈمەت ئورگان، ھەر قايسى كەنت پارتىيە ياچىيكىسى، ھەر دەرىجىلىك«ئۈچ ئەل قۇرۇلۇشى» خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ «تارىخنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئار-نومۇسىنى ئۇنۇتماسلىق، مەڭگۈ پارتىيىگە ئەگىشىش» تېما قىلىنغان لىكسىيە سۆزلەش، ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى، دۆلەت بايرىقى چىقرىش مۇراسىمى، مەدەنىي كەنت ئاھالىسى ۋەدىنامىسى ۋە مەڭگۈ پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىش ئاساسى تېما قىلىنغان ئىمزا قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇردى.
بېشىرىق بازىرى كۆنچىسۇڭ كەنت ئاھالىسى سامساق يۈسۈپ ھاياجانلانغان ھالدا: «ھەربىي پاراتنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، مەن كونا جەمئىيەتتە تۇغۇلۇپ، يېڭى جەمئىيەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن ، كونا جەمئىيەتنىڭ ئىنتايىن قىيىن، جاپالىق كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا تۇرمۇشىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆزۈم تولۇق ھىس قىلىۋاتىمەن، ھازىر دۆلىتىمىز قۇدرەت تاپتى، بىز چوقۇم بۈگۈنكىدەك بەختلىك كۈنلىرىمىزنى قەدىرلەپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئامما بولۇپ، مەڭگۈ پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز لازىم» دېدى. (ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازارلىق ھۆكۈمەتتىن جاڭ شىبىڭ خەۋىرى، ئەمەتجان تاھىر، ماھىرە غۇپۇر تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى