باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن جۇڭگو 2- دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ

ــ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى زىيارەت

2015.09.02 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنىڭ ئالدىدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تارىخىي ھەقىقىي ئەھۋالنى بىرلىكتە قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئورتاق غەلىبىنى قەدىرلەيدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى بۇ ئىرادىسىنى بىۋاستە دۇنياغا جاكارلىشىدۇر،دېدى.

  پۇتىن جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنىڭ ئالدىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە ت ئا س س نىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: غەلىبە خاتىرە كۈنى رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. سۇۋېت ئىتتىپاقى غەلىبە ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىدى. جۇڭگو خەلقى زور زىيانغا ئۇچرىدى. ئىككى دۆلەت ئىنقىلابىي قەھرىمانلار مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ، پىشقەدەم ئەسكەرلەر قەدىرلەيدۇ.

  «ئىككى دۆلەت ناسىستلار بىلەن ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ئىتتىپاقىغا زەربە بەردى.» پۇتىن مۇنداق دېدى: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو خەلقى جاپالىق يىللاردا ئۆزئارا مەدەت بەردى، ئورتاق تارىخىي ئەسلىمە، نۆۋەتتىكى رۇسىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىي بولۇپ قالدى.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: بۈگۈن ياۋروپا ۋە ئاسىيادا بەزىلەر 2- دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنى بۇرمىلاپ، بەزى ۋەقەلەر، بولۇپمۇ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ۋەقەلەرنى خالىغانچە قىلچە ئاساسسىز بۇرمىلاپ چۈشەندۈردى. بەزى دۆلەتلەر جىنايىتى ۋە قولچوماقچىلىرىنى پەردازلاپ، ئۆزىنى ئاقلاپ، نيۇرنبېرگ سوتى ۋە توكيو سوتىنىڭ قارارىنى ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن ئۆزگەرتتى. بۇ خاتىرىلىنىۋاتقان قۇربان بولغان نەچچە مىليونلىغان كىشى ئۈچۈن ھاقارەت. بۇنداق تارىخىي ھايانكەشلىك قىلمىشىنىڭ مەقسىدى ئۆز ئۆزىدىن ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ، يەنى مۇشۇ ئارقىلىق جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئويۇن ئويناپ، ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىش. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر