باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>يېڭى خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايون «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى

سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرايلى

2015.09.06 10:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» مەخسۇس ئۆگىنىلدى ھەم مەركەزنىڭ نىزامنى ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇزاكىرە قىلىندى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  بۇ يىل 8-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى تارقاتتى، ئۇنىڭدا كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى، ئوبېيكت دائىرىسى، شەكىل ۋە ئۇسۇلى، نەتىجىدىن پايدىلىنىش، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايون تېزدىن ئىزچىللاشتۇردى ھەم ئەمەلىيلەشتۈردى، جاڭ چۈنشيەن «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى›نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرى»نى تۈزۈپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن «نىزام»نى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: «نىزام»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيەنى قائىدە-تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇش، تۈزەش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى زىچ چۆرىدەپ، مەسىلىنى بايقاش، تەھلىكە شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ يولغا قويغان زور تەڭشەش بولۇپ، ھەم پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلىق، ھەم پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنى يەكۈنلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بىز مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە شۇجى ۋاڭ چىشەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ئاساسەن، «نىزام»نى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تۈزەش، پارتىيەنى قائىدە-تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «نىزام» نى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. بۇرۇچنى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، خىزمەت پىرىنسىپى ۋە نىشان-تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ «شەمشەر» لىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا «نىزام» دىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى قىلچە تەۋرەنمەستىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نازارەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى تۈزۈملەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، كۆزىتىشنىڭ ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەسىلىنى بايقاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دائىم چۆچۈتۈپ تۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، كۆزىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆزىتىشنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، مۇۋەپپەقىيەتتىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر