باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>يېڭى خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى − «غەلىبە ۋە تىنچلىق» بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار كېچىلىكنى كۆردى

2015.09.06 09:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭراق ناخشىلار بىلەن ئۇلۇغ غەلىبە مەدھىيەلەندى؛ چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، تىنچلىق نۇرىنى چاچتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى − «غەلىبە ۋە تىنچلىق» 3-سېنتەبىر كەچتە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن 6000 زات بىلەن بىللە كېچىلىكنى كۆرۈپ، بۇ شانلىق كۈنلەرنى بىللە خاتىرىلىدى.

  كېچىلىك باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان 70 پېشقەدەم ئەسكەر، پېشقەدەم يولداش پىيونېرلارنىڭ يۆلىشى بىلەن، قوللىرىغا گۈل تۇتقىنىچە زالدىكى تاماشىبىنلار ئورنىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئولتۇردى. زالدىكىلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، ئۇلارنىڭ غەلىبە ۋە تىنچلىق ئۈچۈن قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسىگە ھۆرمەت بىلدۈردى.

  بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 19 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، يېقىملىق «مەرھابە مۇزىكىسى» ياڭراشقا باشلىدى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە چوڭ زالغا كىرىپ كەلدى.

  سائەت قوڭغۇرىقى جاراڭلىدى، سەھنىدە بىر پېشقەدەم ئەسكەر ئاستا-ئاستا 70 يىل ئىلگىرى ئۆزى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرى كوللېكتىپ سۈرىتى ئالدىغا كېلىپ، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سىلاپ، سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى. بۇرغا چېلىنىشى بىلەن بايراقلار لەپىلدەپ سەھنە غەلىبە مەيدانىغا ئايلاندى. كىشىلەر ھاياجاندىن توۋلاشقىنىچە تۆت تەرەپتىن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، بىرلىكتە «غەلىبە ناخشىسى»نى ياڭراتتى. كۆتۈرەڭگۈ رىتىم، جۇشقۇن ھېسسىيات بىلەن ئورۇنلانغان ناخشا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بارلىق قەھرىمان پەرزەنتلەرگە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسىمۇ باشلاندى.

  «شاۋقۇن سال! خۇاڭخې دەرياسى»، «تاغدا ئېچىلغان قىزىلگۈل»، «يەنئەنگە مەدھىيە»، «تەيخاڭشەن تېغىدا» قاتارلىق ناخشىلار ناھايىتى يۇقىرى كەيپىياتتا ئېيتىلدى، ئۇسسۇل «ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش مارشى»، «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغان قوماندان، ئەسكەرلەر ناخشىسى» كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى، «سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىتتىپاقنىڭ قەھرىمانلىرى»، «لۇگودىكى يانغىن. نەنجىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ» كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى نەمدىدى... بىرىنچى بۆلۈم «قانلىق جۇڭخۇا»دا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھايات-ماماتلىق ئۆتكىلىدە دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ دۆلەتنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىقتەك روھى ئىپادىلەندى. كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان «پارتىزانلار ناخشىسى»، «ماۋ زېدۇڭنىڭ سۆزلىرى قەلبىمدە»، «قىلىچ مارشى»، «خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش»، قايناق ھېسسىياتلىق «دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە بارايلى»، «تۆمۈر-قان شىسى»، «مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش»... ئىككىنچى بۆلۈمدە «ھەققانىيەت كۈچى»دە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى تۈۋرۈكلۈك رولى، مەملىكەت خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلار بىلەن ئاداققىچە ئېلىشىشتەك قەھرىمانلىق روھى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان «قىزىل گاز ياغلىق»، «كۆزنى چاقناتقان جۇڭخۇا»، ھەيۋەتلىك «ئارمىيەنى كۈچەيتىش جەڭ ناخشىسى»، «شەرەپ ۋە ئارزۇ»، «تىنچلىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»... ئۈچىنچى بۆلۈمدە «تىنچلىق ئارزۇسى» سەمىمىي چۇقان سالدى؛ دۇنيا خەلقلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تىنچلىقنى قوغداپ، ئىنسانلارنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئۇزاققىچە تىنچ بولىدىغان دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ تىرىشقانلىقى ئىپادىلەندى.

  پۈتكۈل كېچىلىك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم تارىخىي نۇقتىلىرى ۋە تىپىك ۋەقەلەر كۆرۈنۈشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش نادىر ناخشىلىرىنى تاللاپ، خور ئېيتىشنى ئاساسىي ئىپادىلەش شەكلى قىلىپ، سېمفونىيەلەشتۈرۈلگەن ۋە مىللىي مۇزىكا، ئۇسسۇل، دىراما، كۆرۈنۈش ئويۇنى كۆرسىتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، كۆپ ئىقتىدارلىق سەنئەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئاساسىي تېمىسى روشەن، ئاساسىي لىنىيەسى گەۋدىلىك، كىشىلەرنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ قەھرىمانلىق مارشىنى ياڭراتتى. كېچىلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش داستانىنى يېزىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى تۈۋرۈكلۈك رولىنى گەۋدىلىك ئىپادىلىدى، جۇڭگونىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭگاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن فاشىزمغا قارشى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر