مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ ئىككى مەيدان «غېرىبانە توي مۇراسىمى» ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتايلى

2021.01.20 20:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئىككى مەيدان ئالاھىدە توي مۇراسىمى توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى: بىرىنچى توي مۇراسىمىدا، توي كۆينىكى مۇراسىم كىيىمى كىيىلمىدى، زالغا توشقىچە مېھمانلارمۇ كەلمىدى، خېبېي شىڭتەيدىكى قاتناش ساقچىسى ۋاڭ مۇ بىلەن ئايالى توي مۇراسىمىنى بىر مىنۇتتىلا تاماملىغاندىن كېيىن، تېزلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىگە قايتىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلدى؛ يەنە بىر تويدا، يېنىدا قولداشلىرى يوق كېلىنچەك ئۆزى يالغۇز يىگىتنىڭ ئۆيىگە كىردى، خېنەن شاڭچيۇدىكى كېلىنچەك يۇقۇم مۇداپىئە تەلىپىگە نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئەنئەنىۋى توي ئادىتى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ ئىككى توي مۇراسىمى ھەقىقەتەن بەك ئاددىي بولۇپ قالدى، ھەتتا بىرئاز «غېرىبانە» تۇيغۇ بەردى. لېكىن بۇ ئىككى توي مۇراسىمى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ بەخت تىلىشىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئالدىنقى توي مۇراسىمىدا ئالاھىدە مەزگىلدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنىڭ خالىس تۆھپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىنى نامايان قىلدى؛ كېيىنكىسىدە بولسا، ئاممىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قوللىغانلىقى نامايان قىلىندى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە كىچىك ئىش يوق. نۆۋەتتە، يۇقۇم كۆپ نۇقتىدا تارقىلىپ، ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ بولماقتا، بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. توي قىلىش كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ ئىش، داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلسە، ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى. لېكىن ئالاھىدە مەزگىلدە، كىچىك ئائىلە بىلەن چوڭ ئائىلە ئوتتۇرىسىدا، قىسقا مۇددەتلىك قولايسىزلىق بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئامانلىق ئوتتۇرىسىدا، قايسى تاللاش ئاقىلانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى روشەن.

  يېقىندا نۇرغۇن جايلار ئالاھىدە مەزگىلدە «توي-تۆكۈننى ئۆتكۈزۈشنى كېچىكتۈرۈش، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈش، زىياپەت ئۆتكۈزمەسلىك»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشتى. لېكىن بەزى كىشىلەر تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، ھەشەمەتچىلىك قىلىش، چوڭ ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇردى. بۇ كىشىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدى، بۇنداقلارنى چوقۇم ئەيىبلەش كېرەك.

  ھەربىر ئادەمنىڭ تاللىشى شەخس ۋە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق − يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا تۆھپە قوشقانلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ