مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، تۇڭلۇننىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2021.01.18 19:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تۇڭلۇنگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزنى ھەم سىز ئارقىلىق لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 10-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى بېنياڭ باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوسنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، سىياسىيسى، جەمئىيىتى مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. يېڭى ۋەزىيەتتە، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 11-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىقى مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجى تۇڭلۇن باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، لائوس پارتىيەسى چوقۇم لائوس خەلقىنى يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، پائال ئىلگىرىلەپ، لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

  جۇڭگو بىلەن لائوس تاغ-دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى ۋە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئۈزلۈكسىز بەخت ياراتتى. دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىرگەن ۋەزىيەتتە، مەن يولداش باش شۇجى تۇڭلۇن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-لائوس ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  سىزنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئورنىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ