مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپتىكى تەنبىھ بېرىش ھوقۇقىنىڭ چېگراسى قەيەردە؟

2021.01.15 19:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ۋۇخەن جياڭخەن رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېگەنلىكىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئەسلىدە، ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا جېدەل قىلىپ، دەرسخانا ئىنتىزامىغا رىئايە قىلمىغان، ئوقۇتقۇچى جېدەل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى تۇرغۇزۇپ، بامبۇك تاياق بىلەن قولىغا ئۇرغان. نەتىجىدە سىنىپ مەسئۇلى دەرس ئۆتۈشتىن توختىتىلغان ھەمدە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلاردىن كەچۈرۈم سورىغان. بۇنىڭ بىلەن، مائارىپتىكى تەربىيەلەش-جازالاش ھوقۇقىغا ئالاقىدار تېمىلار يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىندى.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپتىكى تەنبىھ بېرىش قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارغا مۇۋاپىق ۋاسىتە بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىپ، «باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، باشقۇرۇشنى خالىماسلىق» مەسىلىسىدىن ساقلاندى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى چەكلەپ، تەربىيە ۋە تەنبىھ بېرىش جەريانىدا «ئۇرۇش، سانجىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىۋاسىتە جىسمانىي ئازاب پەيدا قىلىدىغان يەتتە خىل تەن جازاسى» بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  سىندىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىشقا چېتىشلىق ئوقۇتقۇچى ھەقىقەتەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ئازابىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى تورداشلار «تەن جازاسى بالىلارغا زىيان يەتكۈزگەندىن باشقا، ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ»، دېيىشتى، يەنە بەزى تورداشلار «مۇئەللىمنىلا ئەيىبلەشكە بولمايدۇ»، «ئالقانغا ئۇرغانغا ھىچنېمە بولمايدۇ»، «ئوقۇتقۇچى بولۇش نېمانچە تەس»، دېيىشتى.

  مائارىپتىكى تەنبىھ بېرىش ھوقۇقى قوش بىسلىق خەنجەردۇر، ئۇنى ياخشى ئىشلەتكەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، ياخشى ئىشلەتمىگەندە، بالىلارغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.

  «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپتىكى تەنبىھ بېرىش قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، جايلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ كونكرېت، مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان تەپسىلىي قائىدىلەرنى ئالدىن پىلانلاپ ۋە تۈزۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەربىيە-تەنبىھ بېرىش ھوقۇقىنى ئىجرا قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانىلارمۇ ئورتاق تىرىشىپ قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇننى چۈشىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، مائارىپتىكى تەنبىھ بېرىش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.

  «مائارىپتىكى تەنبىھ بېرىش»نىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە يېڭى كەيپىيات ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ