شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2021.01.12 19:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە باشلاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئېلىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نەزەرىيەۋى لوگىكىسى، تارىخىي لوگىكىسى، رېئال لوگىكىسى بەلگىلىگەن. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش __ ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇردى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش __ ئېلىمىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش __ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى تاللىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى تاشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن ۋە تەرەققىيات باسقۇچنى توغرا تونۇش __ پارتىيەمىزنىڭ باسقۇچلۇق مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈشتىكى تۈپ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم تەجرىبىسى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ بولغان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك، بۇ، ئېلىمىزنىڭ بىر يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ چوڭقۇر ئاساسى بار. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى __ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىر باسقۇچ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە ئون يىللىق جۇغلانما ئارقىلىق، يېڭى باشلانمىغا قەدەم قويغان بىر باسقۇچ. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى __ پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى كۈتۈۋالىدىغان يېڭى باسقۇچ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز يېڭى مۇساپىنى باشلاش، يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مول ماددىي ئاساسىغا ئىگە بولدۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، كەلگۈسى 30 يىل بىزنىڭ بۇ تارىخىي ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىمىز بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى __ ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى بىر مۇھىم باسقۇچ. سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى تۇرغۇن، ئۆزگەرمەس، بىر ئىزدا توختاپ قېلىش باسقۇچى ئەمەس، شۇنداقلا ئىستىخىيەلىك، پاسسىپ، كۆپ كۈچ سەرپ قىلمىسىمۇ تەبىئىي ھالدا ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدىغان باسقۇچ ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتچان، ئاكتىپ ئىش قىلىدىغان، باشتىن-ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان جەريان، پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەش، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىش، كۈنسېرى سۈپەتكە يېقىنلىشىدىغان ھالقىشنىڭ جۇغلىنىش ۋە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش __ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى ھەم ئېلىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىن تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىنىڭ تەلىپى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، لېكىن ۋاقىت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىز، شۇنداقلا بىزنىڭ مەقسىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزدىن كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، گەرچە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرسىمۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ كۆپىنچىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن پۇرسەت خىرىستىن كۆپ بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قوزغاشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز ئىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، بېكىتىلگەن نىشاننى قەتئىي بوشاشماي ئىشقا ئاشۇرۇشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم بىر تەرىپى قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرىشتىن ئىبارەت. ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى، مۇئەييەن تەرەققىيات ئەمەلىيىتى مۇئەييەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ. تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ توغرا بولۇش-بولماسلىقى تۈپ جەھەتتىن تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەققىدە نۇرغۇن زور نەزەرىيە ۋە ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەپەككۇرىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى __ بىر سىستېمىلىق نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئۇسۇلى، يولى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىيات ھەققىدىكى سىياسىي مەيدانى، قىممەت يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات يولى قاتارلىق زور سىياسىي مەسىلىلەرنى شەرھلەپ بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. بىرىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈپ مەقسەتتىن ئىگىلەش كېرەك. خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە ئەڭ زور غەيرىتى. خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش ھەم پارتىيەمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «روھى». خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەشتە، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىشتا، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، توغرا تەرەققىيات قارىشى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قارىشىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي مەسىلە. ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنىيىتى بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون پەرقى، شەھەر-يېزا پەرقى، كىرىم پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەسىلە يۆنىلىشىدىن ئىگىلەش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يېڭى تەلەپكە ئاساسەن مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈلپەت ئېڭىدىن ئىگىلەش كېرەك. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش؛ سىياسىي بىخەتەرلىك، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ھەم كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەم كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش سۇبيېكت قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش 14ـ بەش يىللىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە بولۇپ، ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ توغرا ئىگىلەش ۋە پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى ئۆزىگە قارىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ، باشتىن-ئاخىر جاسارەت بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىلى ۋە تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش قىيىن ھەر خىل بوران-چاپقۇن، شىددەتلىك دولقۇنلار ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈچىمىز، رىقابەت كۈچىمىز، تەرەققىيات كۈچىمىز ۋە داۋاملاشتۇرۇش كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋان بولۇشىدا. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» مۇھىم ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئورۇنداپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، رىقابەت كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك سېلىنما-ھاسىلات مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى __ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇستەقىل ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ تەكىتلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇكاپاتلاش تۈزۈلمە مېخانىزملىرىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ، ئېھتىياج تەرەپلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى بازار بەرپا قىلىشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تارىخىي جەريانغا ئايلاندۇرۇش؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتا، دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك ئىقتىساد ئايلانما سىستېمىسى ۋە مۇستەھكەم ئاساسنى ھازىرلاش؛ ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىپ، خەلقئارادىكى ئايلىنىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ سۈپىتى ۋە تەقسىملىنىش سەۋىيەسىنى ياخشىلاپ، ئېلىمىز كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ فۇنكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشىغا، تۈزۈلمە-مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىغا، ھەرىكەت باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان «تەكلىپ»ىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، ماددىمۇ ماددا، بۆلەكمۇ بۆلەك چۈشىنىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، مۇھىم نۇقتا ۋە يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىنى گەۋدىلىك ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قارىتىپ، يىراقنى كۆزلەپ، خىزمەت ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە قارىتىپ، كۆڭلىگە «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى پۈكۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى سىياسىي ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  لى كېچياڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى، تارىخ بىلەن رېئاللىقنى، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسى، تارىخىي ئاساسى، رېئال ئاساسىنى تەھلىل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپىنى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى شەرھلىدى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، ياخشى قەدەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر يېتەكچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «14-بەش يىل»دىكى تەرەققىيات توغرىسىدىكى زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى چوڭ ئورۇنلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ