مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە ئىچىدىكى نىزام-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەش لازىم

−− «پارتىيە ئىچىدىكى نىزامشۇناسلىق» ناملىق كىتابقا قىسقىچە باھا

2021.01.15 19:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە ئىچىدىكى نىزام-تۈزۈم قۇرۇلۇشى قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىشكە، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى شۇنچە ئىلگىرى سۈرۈشكە، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي قائىدە تىرىكىگە ئىگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  يېقىندا، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزام ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ تۈزگەن «پارتىيە ئىچىدىكى نىزامشۇناسلىق» دېگەن كىتاب ئالىي مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ كىتابتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى مەۋقە قىلىنىپ، ئۇللۇق، ئومۇمىيلىق، ھەممىباب دەرسلىك ئاساسىي ئورۇن قىلىنىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام ئۇقۇمى سىستېمىسى، بىلىم سىستېمىسى، نەزەرىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئاساسىي نىشان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتاب جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نىزام نەزەرىيەسى، تارىخى، تۈزۈمى، ئەمەلىيىتى بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلەنگەن بىرتۇتاش دەرسلىكتۇر. بۇ كىتابنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار:

  سىياسىيلىق. سىياسىيلىق − پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. بۇ كىتابتا شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى زىچ چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئىچىدىكى نىزام-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى بويىچە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇپ، روشەن سىياسىيلىقى نامايان قىلىنغان. مەسىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» مەخسۇس بابتا شەرھلىنىپ، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى يىغىنچاقلىنىپ، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

  ئىلمىيلىك. بۇ كىتابتا پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنىڭ تەرەققىيات تارىخى مەخسۇس بابتا بايان قىلىنىپ، تەپسىلىي ۋە ئېنىق تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزاملارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، قانداق سەۋەب بىلەن كەلگەنلىكى، قانداق كەلگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلىپ، دىققەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئارقىسىدىكى تۈزۈم لوگىكىسى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزاملارنىڭ ئونتولوگىيەسى، قىممەت نەزەرىيەسى، تارىخ نەزەرىيەسى، تۈزۈم نەزەرىيەسى، ھەرىكەت نەزەرىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزام نەزەرىيە سىستېمىسى بىر قەدەر سىستېمىلىق بەرپا قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ