مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

«ئىككى بايرام» مەزگىلىدە يۇقۇم ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېتەرلىك مىقداردا سېتىۋېلىش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، دائىملاشقان، تۈزۈملەشكەن تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2021.01.18 19:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە يۇقۇم ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېتەرلىك مىقداردا سېتىۋېلىش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، دائىملاشقان، تۈزۈملەشكەن تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى ياخشى قىلىپ، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە باھا تولۇقلىمىسىنى كۆپەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كاپالىتىگە ئېھتىياجلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك ۋە باھانىڭ تەكشى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئەھۋالغا قاراپ جەمئىيەت قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە باغلاش ھەمتۈرتكىلىك مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق كىشىلەر توپىغا ئالاقىدار تولۇقلىمىلارنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، ئاساسىي تۇرمۇشنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇس ۋە نامراتلىق گىرۋىكىدىكى نوپۇسلارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى شۇ جايدا قېلىپ قالغان دېھقان ئىشلەمچىلەر، مەكتەپتە قېلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ياخشى قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، ئاساسىنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، يېتىم بالا، مېيىپ، روھىي كېسەل قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇشتا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قاراتمىلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش كېرەك. بەشىنچى، كەلكۈن ئاپىتىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، بولۇپمۇ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى قوللاش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، مەركەز مالىيەسى ئالدىن چۈشۈرگەن 100 مىليارد يۈەن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ياردەم مەبلىغىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلىتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەبلىغىنى تولۇق، يېتەرلىك بېرىپ، مەبلەغنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش تەلىپى بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە ئېھتىياجلىق ئاممىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قىسمەن رايونلاردىكى دائىرىلىك توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، گۈرۈچ، ئۇن، ماي، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنى چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ساغلاملىق خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى قەدەممۇقەدەم ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېتەرلىك مىقداردا سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش مۇھىم، زور ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ئۈچ قېتىم مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىپ، قاپلانغان دورىلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى %54 چۈشۈرۈلۈپ، يىلدا 53 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق خىراجەتنى تېجەپ، مىليونلىغان ئاغرىققا نەپ يەتكۈزدى. يېقىندا يەنە 4-تۈركۈمدە مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ ھەم يۇقىرى قىممەتتىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان خورايدىغان ماتېرىياللارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: داۋالاش ئىسلاھاتى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، سەھىيە ئۈچ ئىسلاھاتى ھەمتۈرتكىسىدە چىڭ تۇرۇپ، دورىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچى، ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈش، كىلىنىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، نۇقتىلىق ھالدا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرى مۇندەرىجىسىدىكى ئىشلىتىلىشى كۆپ، سېتىۋېلىش باھاسى يۇقىرى دورىلارنى سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى كىلىنىكىدا زۆرۈر بولغان، سۈپىتى ئىشەنچلىك تۈرلۈك دورا ۋە خورايدىغان ماتېرىياللارنى تەدرىجىي قاپلاش كېرەك. ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىشقا قاتنىشىشى كېرەك. كەم ئۇچرايدىغان كېسەللەرنى داۋالايدىغان «يېتىم دورا»ىلارنى سېتىۋالىدىغان ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەقلىدىي دورا، ئىجادىي تەتقىق قىلىپ ياسالغان دورا ۋە نىسبەتلەشتۈرۈپ ياسالغان دورىلارنى ئورتاق نامدا مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش، سۈپەت ۋە باھادا ئادىل رىقابەتلىشىش ئارقىلىق كارخانا ۋە دورا، خورايدىغان ماتېرىياللارنى تاللاش كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئالدى بىلەن تاللانغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى، ئېھتىياجغا ئاساسەن سېتىۋېلىش مىقدارىنى ئىمكانقەدەر ئاشۇرۇشى كېرەك. تاللانغان كارخانىلار باھانى تۆۋەنلەتسىمۇ سۈپەتنى تۆۋەنلەتمەسلىك، داۋالاش ئۈنۈمىنى كېمەيتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تاللانغان دورا ۋە خورايدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلىتىش پۈتۈن زەنجىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىشتا ئاغرىقلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىللە كارخانىلارنىڭ پايدىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، دورا، خورايدىغان ماتېرىيال ساھەسىنىڭ رىقابەت داۋامىدا مەركەزلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېجىلىپ قالغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قالدۇرۇپ ئىشلىتىشىگە بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈپ، تىرىشىپ بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات ئارقىلىق ئاغرىقلار ۋە كارخانىلار، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسىگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ