مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلامدىكى «يىل ئاخىرىدىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى»نى داۋالاش لازىم

2021.01.13 19:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا بايقىشىچە، بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى يىل ئاخىرىدىكى تۈرلۈك باھالاش، تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، «يىل ئاخىرىدىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى»گە گىرىپتار بولغان، بۇ «كېسەللىك»نىڭ ئىپادىسى خىلمۇ-خىل بولغان، مەسىلەن: يۇقۇمنىڭ تەسىرى ھەققىدە ئىز قالدۇرمىغان بولسا، دەرھال تولۇقلىغان؛ نەچچە يىل بۇرۇنقى خىزمەتلەرنىڭ ئارخىپى بولمىسا، دەرھال «ياسىغان»؛ ماتېرىيال كەمچىل بولۇپ، يىل ئاخىرىدىكى باھالاشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، دەرھال تولدۇرغان؛ چۈشكەن مەبلەغ تۈگىمىگەن بولسا، دەرھال تەربىيەلەش ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ئىپادىلەر ئەڭ ئاخىرىدا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زىممىسىگە چۈشىدىغان بولۇپ، ئاخىرىدا تۈرلۈك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، يىغىن ئېچىش، ماتېرىيال يېزىشتا ئىپادىلەنگەن.

  ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ۋاقتى قەيەرگە كەتتى؟ «يۇقىرىدىن مىڭ تال يىپ چۈشسە، ئاساسىي قاتلامدا بىر تال يىڭنە ئالدىراش بولىدۇ.» خىزمەت قاتلاممۇ قاتلام تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، ھۆججەت دەرىجىمۇ دەرىجە تارقىتىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ھۆججەتلىرى يىغىۋېلىنىپ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامدىكىلەر ماتېرىيال يېزىش، ھەر تەرەپكە قاتراش بىلەن ھېرىپ ھالى قالمايدۇ. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «ھوقۇقى چوڭ ئەمەس»، لېكىن «مەسئۇلىيىتى ئېغىر»، شۇڭا باھالاش، تەكشۈرۈشكە قارىتا، ئامالسىزلىقتىن «ئالدى بىلەن شەكىلنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ»، «ھەممە ئامالنى ئىشلىتىپ» ساختىپەزلىك قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  «ئاساسىي قاتلام يىل ئاخىرىدىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى»نى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەسلىدە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك بولغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىشلار ئۆزگىرىپ دوكلات ئاڭلاش، سانلىق مەلۇمات كۆرۈش، جەدۋەل تولدۇرۇش، زەربىدارلىق بىلەن تەربىيەلەشكە ئايلىنىپ قالماقتا. ئاساسىي قاتلامدا ئەسلىدىنلا «ئىش كۆپ، ئادەم ئاز» بولغاچقا، تەكشۈرۈش، باھالاشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈم ئاسانلا «ساختىپەزلىك» قىلىنىدۇ. بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاساسىي قاتلامدا ساختىلىق بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، «بىر كۆزىنى ئېچىپ، بىر كۆزىنى قىسىۋالىدۇ»، پەقەت «سانلىق مەلۇمات چىرايلىق» بولسىلا ئىش تۈگەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يىل ئاخىرىدىكى باھالاشتا «زەربىدارلىق بىلەن ساختىلىق قىلىش» ھادىسىلىرىمۇ ئادەتتىكى باھالاش، ئىش داۋامىدا تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنىڭ جايىدا بولمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەكتە.

  ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يۈكنى يېنىكلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاساسىي قاتلامنى باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن تۇتۇش قىلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، يۈكنى يېنىكلىتىشكە تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيەت چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۇقىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىشى، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرىپ، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاساسىي قاتلامنى باھالاشتا «ئاددىي، قولايلىق، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان، كېرەككە كېلىدىغان» بولۇش پىرىنسىپى بويىچە باھالىغۇچى خادىملارنى كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بىكار ئاۋارە قىلماي، جەدۋەللەرنى تەكرار تولدۇرغۇزماسلىق، شەكلىنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتكۈزمەسلىك، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ئارتۇقچە خىزمەت يۈكى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەلۋەتتە، بەزى يۇقىرى قاتلام تارماقلار «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي» كۈچ سەرپ قىلىپ، زېھنىنى قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يۈكنى «مەنبەدىن ئازايتىپ»، تېخنىكىدىن پايدىلىنىش لازىم.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئۈچۈن مەدەت بېرىش لازىم. كادىرلارنى باھالاشقا سەرپ قىلىدىغان كۈچنى ئادەتتىكى ۋاقىت، كۈندىلىك ۋاقىتتا سەرپ قىلىپ، كادىرلارنى باھالاشنى خەلق رايىغا قويۇپ، پۇقرالارغا تاپشۇرغاندىلا، ئاندىن «ئاساسىي قاتلامنىڭ يىل ئاخىرىدىكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى»نى ھەقىقىي داۋالاپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ