مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، جىن جىڭئېننىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

2021.01.12 19:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى جىن جىڭئېنغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا يولداش جىن جىڭئېننىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكىدىن خۇشاللىق بىلەن خەۋەر تاپتىم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ۋە ئۆز نامىمدىن يولداش باش شۇجى ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى، بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يولداش باش شۇجىنىڭ يەنە بىر قېتىم چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىكىگە كۆرسىتىلىشى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ يولداش باش شۇجىغا بولغان ئىشەنچى، ئۇنى ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تاغ-دەريالىرى تۇتىشىدىغان سوتسىيالىستىك دوست قوشنىلار. جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى. دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان ۋەزىيەتتە، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز يېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  يولداش باش شۇجىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ، يېڭىدىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ