مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ 2021-يىللىق 1-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى چىقاردى

2021.01.05 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ 2021-يىللىق 1-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، پۈتۈن ئارمىيەگە مەشىق باشلاش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى چىقاردى. ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  2021-يىلى، پۈتۈن ئارمىيە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ھەربىي مەشىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەربىي مەشىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە ھەربىي مەشىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مەشىقنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇشلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئەمەلىي ئۇرۇش، ئەمەلىي مەشىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش ئارقىلىق مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىش، مەشىق ئارقىلىق ئۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەڭ ۋە ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي مىساللاشقان تاقابىلچان مەشىقنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇش، مەخسۇس مەشىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ھەربىي تەلىمنى چىڭىتىپ، ئۇرۇش بىلەن مەشىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇش قىلىش بىلەن مەشىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋاقىت ئۇرۇش پۇرسىتىنى كۈتۈش، ھەر ۋاقىت جەڭ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  بىرلەشمە جەڭ، بىرلەشمە مەشىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە مەشىق ئارقىلىق ئارمىيە خىللىرى بويىچە مەشىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئارمىيە خىللىرى بويىچە مەشىق قىلىش بىرلەشمە مەشىق قىلىشقا تىرەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەرنى تەتقىق ۋە مەشىق قىلىش، بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىپ مەشىق قىلىش، ساھە ۋە ئارمىيە خىللىرىدىن ھالقىغان بىرلەشمە مەخسۇس مەشىق قىلىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە مەشىق قىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئۆزگىچە بىرلەشمە مەشىق سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  پەن-تېخنىكىلىق مەشىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىنى كۈچەيتىش − يادرولۇق جەڭگىۋارلىق ئىدىيەسىدۇر. زامانىۋى پەن-تېخنىكا، بولۇپمۇ ھەربىي ئىشلار يۇقىرى تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى قورال-جابدۇق، يېڭى كۈچ، يېڭى ساھە مەشىقى ۋە ئۇرۇش سىستېمىسىغا يۇغۇرۇلۇش مەشىقىنى كۈچەيتىپ، تەقلىدىي، تورلاشقان، تاقابىلچان ۋاسىتە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «پەن-تېخنىكا قوشۇلغان»، «تور قوشۇلغان» قاتارلىق مەشىق ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەشىقنىڭ پەن-تېخنىكا سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك.

  قانۇن بويىچە مەشىقنى ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەشىق باشقۇرۇشتىكى ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەشىق پىلانى، لايىھەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەشىق قانۇن-نىزام ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشىق مەزمۇنى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قەتئىي ھالدا پىروگرامما بويىچە مەشىق قىلىپ، مەشىق رېۋىزىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەشىقنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەشىق بىخەتەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق، ئىلمىي، بىخەتەر مەشىق قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش لازىم.

  پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاپادىن، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەشىق ئىستىلىنى توغرىلاپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى، ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملاپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ