مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

«تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى 3-تەرەپ باھالاش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، توسۇق نۇقتىلارنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماركا بېجى قانۇنى (لايىھەسى)» ۋە «ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى

2021.01.05 17:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 4-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى 3-تەرەپ باھالاش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، توسۇق نۇقتىلارنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماركا بېجى قانۇنى (لايىھەسى)» ۋە «ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش − بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور ئۇرغۇتۇشنىڭ ئاچقۇچى، شۇنداقلا كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى توققۇز ئۆلكىدە «تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش قانات يايدۇرۇلدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، «نىزام»نى يولغا قويۇشتا ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كارخانىلارنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رازى بولۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولدى، «بىر كەسىپكە بىر گۇۋاھنامە بېرىش»، «بىر كارخانىغا بىر گۇۋاھنامە بېرىش»، «كىنىشكا-گۇۋاھنامىنى بىرلىشىپ بېجىرىش» قاتارلىق كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىدىن ئالغان تەسىراتى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇلتۇر ئىنتايىن قىيىن شارائىتتا يېڭىدىن 20 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى تەسىس قىلىنىپ، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە زور دەرىجىدە ئېشىشى ھەم بىرقەدەر يۇقىرى جانلىقلىقنى ساقلىشى − تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. باھالاشتا يەنە كارخانىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرگە بولغان ئىنكاسىنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئىكەنلىكى بايقالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي رايونلار بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار، شەرقىي شىمال رايونلىرى، ئۆلكە مەركىزى شەھەرلەر بىلەن ئۆلكە مەركىزى بولمىغان شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا «نىزام»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تەرەققىياتىمۇ تەكشى ئەمەس، بەزى پەرقلەر روشەن. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «نىزام»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئادىل، ھەققانىي باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. بىرىنچى، شەرقىي رايون، ئۆلكە مەركىزىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقئارادا ئىلغار بولۇش، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە شەرقىي شىمال رايونى، ئۆلكە مەركىزىدىن باشقا شەھەرلەرنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق تىجارەت-سودا مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىشىنى قوللاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، «بىر كەسىپكە بىر گۇۋاھنامە بېرىش»، «بىر كارخانىغا بىر گۇۋاھنامە بېرىش»، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى بىرلىكتە بېجىرىش» قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى بازار سۇبيېكتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بازار قائىدىسى بويىچە يۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىشنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كىرېدىتتە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى ئاشۇرۇشتىكى يوشۇرۇن قائىدىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتەلەيدىغان ھەم باشقۇرالايدىغان بولۇش، ئىش داۋامىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماركا بېجى قانۇنى (لايىھەسى)» ماقۇللاندى. لايىھەدە ماركا بېجى ۋاقىتلىق نىزامىنىڭ كۆپ يىللىق ئەمەلىي ئۇسۇللىرى يەكۈنلەندى، بىر تەرەپتىن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باج تۈزۈمى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىلمەيدۇ ھەمدە ئاكسىيە سودىسى ماركا بېجى قانۇن-قائىدىلەرگە كىرگۈزۈلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، باج تۈرلىرىنى مۇۋاپىق ئىخچاملاپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ، قىسمەن باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ باج سېلىقى يېنىكلىتىلىدۇ ھەمدە باج ئېلىش-باج باشقۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەركىن ئۆلچەش ھوقۇقىنى ئازايتىپ، خالىغانچە يوچۇقلار ئېتىلىدۇ. لايىھىدە، ئېلىم-سېتىم، تېخنىكا قاتارلىق توختاملار ۋە ئاكسىيە سودىسىنىڭ باج نىسبىتى ئۆزگەرتىلمەيدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھۆددىگە ئېلىش، قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ لايىھىلەش، مال توشۇش توختامى ۋە تىجارەت ھېسابات دەپتىرىنىڭ باج نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئىجازەتنامە قاتارلىقلارنىڭ ماركا بېجى تۈرى بىكار قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ماركا بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يىغىندا لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يىغىندا «ئاشلىق ئوبوروتىنى باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى. لايىھەدە سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق باشقۇرۇش چىڭىتىلىپ، مۇنۇلار بەلگىلەندى: يىغىپ ساقلاش مىقدارىنى يالغان مەلۇم قىلىش، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، ساختا ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، مالىيە تولۇقلىمىسى ۋە كىرېدىت مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش، تۇتۇپ قېلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاشلىق سېتىۋېلىش، ساقلاش قاتارلىق ھالقىلاردىكى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى، ئېغىر مېتال ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئاشلىق قاتارلىق ئاشلىقلارنى ئىستېمال قىلىشتا ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى؛ ئاشلىق زىيىنى ۋە ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. لايىھەدە يەنە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ