مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسىلا ئەمگەك مۇناسىۋىتى يوق بولامدۇ؟

2021.01.11 18:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يەنە بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەردى! 43 ياشلىق تاماق توشۇغۇچى تاماق توشۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى، ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكى ئۆرۈلۈپ چۈشتى، تورداشلار ھەيران قالدى؛ ئېلېمې سۇپىسى بولسا ئۆزىنىڭ بۇ تاماق توشۇغۇچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن 2000 يۈەن تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنىڭغا قارىتا ئاممىۋى پىكىر قايناپ تاشتى! بۇنداق ئەرزان «ئىنسانپەرۋەرلىك»، بۇنداق سوغۇق «سۇپا ئىنكاسى» كىشىلەرنى ئامالسىز قالدۇردى. گەرچە كېيىن سۇغۇرتا سوممىسىنى تولۇقلاپ كۆپەيتكەن تەقدىردىمۇ، يارىلانغان قەلبلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەس.

  ئالاقە تورىدا تاماق سېتىش سۇپىلىرى ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى تېجەش ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا سىرتقا ھۆددىگە بېرىش، ئامما ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، سۇپىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئۇچۇر توپلىغۇچى تەرەپ، دەۋېلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكتىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تاماق يەتكۈزگۈچىلەرگە تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېتىۋالمايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقە تورى ئىقتىسادى گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، تاماق يەتكۈزۈش − گۈللەنمە ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمدە ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولدى، لېكىن تاماق توشۇغۇچى «قاتناش ھادىسىسىدە يارىلىنىش»، «يەتكۈزۈپ بېرىش يولىدا ئۆلۈپ كېتىش» ۋەقەسى پات-پات يۈز بېرىپ تۇردى، تۆلەم قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان تاماق ساھەسىدىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىشمۇ دائىم تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، تاماق توشۇش قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ