مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئۆزئارا خەت ئەۋەتىشتى

2021.01.05 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئۆزئارا خەت ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، بىز تېلېفونلىشىپ ھەمدە كۆپ قېتىم خەت يېزىشىپ، جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق كەسكىن سىناق بولدى. جۇڭگو-ئارگېنتىنا خەلقى يۇقۇم ئالدىدا جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ياردەمدە بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە تېخىمۇ يۈكسەلدى. جۇڭگو ئارگېنتىنا بىلەن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئارگېنتىنانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئارگېنتىنا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تەڭ يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  فېرناندېس ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، جۇڭگونىڭ ئارگېنتىنانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. فېرناندىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم زەربىسى ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىدى ھەمدە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەم جۇڭگو خەلقىگە بەخت ياراتتى، ھەم پۈتۈن ئىنسانىيەتنى نەپكە ئېرىشتۈردى. ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۆلەتلەرئارا سۆزلىشىشنى قوللايدۇ، رايون سۆھبىتىنى كۈچەيتىپ، ئىناق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، ئارگېنتىنا جۇڭگو بىلەن ۋاكسىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ