مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، ئاساسنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك

تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

2021.01.11 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىياسىي- قانۇن خىزمىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلى سىياسىي-قانۇن سېپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بەردى. 2021-يىلى «14-بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، ئاساسنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  تۇنجى قېتىملىق «جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى خەلق ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. كۆپچىلىكنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى 9-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر دائىرىسىدىكى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي-قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش-تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، سىياسىي قانۇن خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى جاۋ كېجى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ