مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2021.01.12 19:09 مەنبە: خەلق تورى

  ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، مۇقىم ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، مۇقىم ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قىش كىرگەندىن بۇيان تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر، توك، گازغا بولغان ئېھتىياج زور دەرىجىدە ئاشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلار كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشكىللەپ، كۆمۈرنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ، توك چىقىرىش مىقدارى، گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارىدا تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشى ۋە نۇقتىلىق ئېھتىياجغا كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى مەزگىلدە نۇرغۇن جايلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا خاتىرە قالدۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يەتتى، ھازىر يەنە «سەنجيۇ كۈنى»گە كىردى، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش جەريانى بولىدىكەن، يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىللىق ئۆتۈشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى ئىشلەش لازىم. كۆمۈرگە ماس كەلسە كۆمۈر، توكقا ماس كەلسە توك، گازغا ماس كەلسە گاز ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىسسىنىشى، بولۇپمۇ شىمالدىكى رايونلارنىڭ ئىسسىنىش ئېنېرگىيە كاپالىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، گازلىقنى بىخەتەر، تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەپ، گاز ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ جىددىي تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شارائىتى بار رايونلارنىڭ پار بىلەن تەمىنلىشى، گاز ئىشلىتىشىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلار ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، توشۇش كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، زاپاس كۆمۈرنى تەرتىپلىك ئىشلىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كۆمۈر تەمىناتى بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچى، كۆپ خىل توك مەنبەسىنى ئىشقا سېلىپ، يۇقىرى پەللە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا تاقابىل تۇرۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ سىرتقا توك يەتكۈزۈشىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، توكنىڭ ئارتۇق-كېمىنى ئۆزئارا تولۇقلاشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆتىنچى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە توختام بويىچە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھاغا دائىر قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بەشىنچى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، زاپاس گاز، كۆمۈر ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش زاپاس توك مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆمۈر ئېلېكتىرىنىڭ يۇقىرى پەللىدە توك ئىشلىتىشتىكى تىرەكلىك رولىنى ئىلمىي جارى قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىدا كىچىك ئىش يوق. خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك گاز، توك، كۆمۈرگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، سۈنئىي سەۋەب بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويۇش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق ھەمدە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشنى بىخەتەر، ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى كۈچەيتىش − كەڭ ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇنلارنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يىغىندا قانۇن چىقىرىش پىلانى بويىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، دوكلات قىلىش ۋە ئاشكارا ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ياخشىلاپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك تۈرىنى بېكىتىش ۋە جىددىي باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەم قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرگەن ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېقىندا دۆلەت ئىچىدە كۆپ نۇقتىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى، ھەتتا قىسمەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم كۆرۈلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يەرلىك ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يېتەكچىلىكى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، «تۆت بالدۇر» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش-سىگنال بېرىش، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش، تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۇچۇرلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ