مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زۆرۈر بولمىسا يۇرتىڭىزغا قايتماي تۇرۇڭ، ئامان-ئېسەن بولغاندىلا ئاندىن چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ

2021.01.08 19:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  چاغان يېقىنلىشىپ قالدى، ھەممەيلەن ئۆيىگە قايتىشقا تەقەززا بولماقتا. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى ۋاقىت دەل سىرتتىكى ئىشلەمچىلەر چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقىدىغان مەزگىل. ھالبۇكى، ھازىرقى كەسكىن، مۇرەككەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كىشىلەرنى ئىدراك بىلەن ھېسسىيات، ئامان-ئېسەنلىك بىلەن جەم بولۇشنىڭ زىددىيەتلىك تاللىشىغا دۇچ كەلتۈردى.

  يېقىندا، ئېلىمىزدە يەرلىك يۇقۇم كۆپ نۇقتىدىن تارقىلىش ۋە قىسمەن توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇم گىرەلىشىپ كېتىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى يېقىندا «2021-يىللىق يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنى شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئىشلەمچىلىك ئورنىدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. بېيجىڭ، شاڭخەي، ئەنخۇي، خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارمۇ يېقىندا، چاغاندا بەك زۆرۈر بولمىسا يۇرتقا قايتماسلىق تەكلىپى بېرىپ، ئىلاستىكىلىق دەم ئېلىشقا ئىلھام بېرىپ، زۆرۈر بولمىسا خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلماسلىق، ئۆز جايىدا بايرام ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

  زۆرۈر بولمىسا يۇرتقا قايتماسلىق __ نوپۇسنىڭ چوڭ كۆچۈشى يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بىر خىل ياخشى نىيەتلىك يېتەكلەش ۋە ئەسكەرتىش بولۇپ، خادىملارنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى چوڭايتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى زۆرۈر تەدبىر. بۇلتۇر بىزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىمىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، توپلانماسلىق، سىرتقا ئاز چىقىش − يۇقۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئەڭگۈشتەر. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، گەرچە بىز بۇلتۇر دۆلەت بايرىمىدا نەچچە يۈز مىليون كىشىنىڭ سىرتقا چىقىش سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگەن بولساقمۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن چاغاندا سىرتقا چىقساقمۇ چاتاق چىقمايدۇ، دەپ قارىساق بولمايدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: چاغان دۆلەت بايرىمىغا ئوخشىمايدۇ، قىش پەسلى سوغۇق بولغاچقا، ۋىرۇسنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىغا تېخىمۇ ئاسانلىق توغدۇرىدۇ. ھازىر ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، زۆرۈر بولمىسا يۇرتىغا قايتماسلىقنى تەشەببۇس قىلىش − جايلار، تارماقلار پەۋقۇلئاددە پەيتتە ئوتتۇرىغا قويغان پەۋقۇلئاددە تەدبىر بولۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى.

  ئالاھىدە ۋاقىتتا، ئۇرۇق-تۇغقانلار باشقا-باشقا جايدا بولغان چاغدا، ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭقۇر بەخت تىلەشتۇر، تەن ئامان بولسا ئاندىن خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ، ئامان-ئېسەن بولساقلا چاغان ياخشى ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ. باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندىكى جەم بولۇش خۇشاللىقى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ