مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: تارقاق يۇقۇم ئالدىدا، قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، تەلەي سىناشقا بولمايدۇ

2021.01.08 18:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  1-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن يەرلىك بىمار سانى 52 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خېبېيدا يېڭىدىن 51 بىمار كۆپەيدى. بۇ، خېبېيدا يېڭىدىن كۆپەيگەن جەزملەشتۈرۈلگەن يەرلىك بىمار سانىنىڭ ئۇدا ئۈچ كۈن ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئېشىشى بولۇپ قالدى. شۇ كۈنى، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايون 50كە يەتتى. بىر مەھەل، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  «تەلەي سىناش» ۋە «بىخۇدلۇق» − يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋپتۇر. بىز ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈچ بىلەن ھاياتلىقنى قوغدايدىغان پولات ئىستىھكام قۇردۇق، لېكىن «مىڭ چاقىرىملىق توسما چۈمۈلە ئۇۋىسى بىلەن ۋەيران بولىدۇ» دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار، ھەرقانداق كىچىككىنە بىخەستەلىكمۇ يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىشىشىدىكى كاتالىزاتورغا ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇ ھەرگىزمۇ قورقۇتقانلىق ئەمەس. خېبىيدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر بىمار تۆت كۈن ئىچىدە ئۈچ مەيدان توي زىياپىتىگە قاتناشقان، بۇ ئىش بىزنى سەگىتىدىغان بولۇپ، «يىڭنە ئۇچى چوڭلۇقىدىكى تۆشۈكتىنمۇ پاتمان چوڭلۇقىدىكى شامال ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقى»نى ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شېنياڭدىكى ئىككى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسى كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان بولۇپ، بىزنى قاتتىق چۆچۈتكەن ئىدى.

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىش، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جايلار تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، ماسكا تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن سىرت، توپلىشىپ پائالىيەت قىلىشنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك؛ تاللا بازىرى، سودا سارىيى، ۋوگزال، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئادەم بىرقەدەر كۆپ سورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساغلاملىق كودى، مۇساپە ئىزى قاتارلىقلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ چېگرادىن كىرگەنلەرنىڭ «7+14» ساغلاملىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىمۇ تولۇق يولغا قويۇش كېرەك. شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ماسلىشىپ، ئىمكانقەدەر ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە تۆھپە قوشقانلىقتۇر.

  ۋىرۇس گەرچە ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن يەر شارىغا زىيان يەتكۈزەلەيدۇ. ئوخشاشلا، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى گەرچە تۇتقىلى بولمىسىمۇ، ئەگەر مەيلىگە قويۇۋېتىلسە، ئۇنىڭ زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داستانىنى يېزىپ چىققان ئىدۇق، شۇنداقلا چوقۇم ئۇزاققىچە «تىزگىنلەش» ۋە قەتئىي بوشاشماي «ئالدىنى ئېلىش» ئارقىلىق، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ