مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاكسىنىغا چېتىشلىق ئالدامچىلىقلارنى قاتتىق توسۇپ، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش لازىم!

2021.01.11 18:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئاممىنىڭ ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قىسقا ئۇچۇر ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل قىلمىش قانۇن قىزىل سىزىقىدىن ھالقىپ كېتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەخلاق تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلغانلىق بولۇپ، بۇنىڭغا چوقۇم قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىغا پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قان-تەرى سىڭگەن بولۇپ، ئامما ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ، بۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچ. لېكىن كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بەزى قانۇنسىز خادىملار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى ئالدىن كېلىشىش» قاتارلىق ناملار بىلەن، تەركىبىدە ياغاچ ئات ۋىرۇسى، بېلىق تۇتۇش تور بېكىتى ئۇلانمىسى بار قىسقا ئۇچۇرلارنى يوللاپ، ئالدامچىلىق قىلدى. بۇ خىل يېڭىچە ئالدامچىلىق ئۇسۇلىغا قارىتا كۆپچىلىك ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى، ئالاقىدار تارماقلار باش كۆتۈرگەن ھامان چوقۇم زەربە بېرىپ، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقى كېرەك.

  ئالدامچىلىق − ئىزچىل قاتتىق زەربە بېرىلىدىغان جىنايى ئىشلار جىنايىتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش − دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رامكىسى ئىچىدە ئەدلىيەلىك قاتتىق زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا تەۋە. بۇلتۇر 2-ئايدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دەخلى يەتكۈزگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش ياكى سېتىش نامىدا ئامما ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ ئېغىر جازا بېرىلىدىغان ئەھۋال سۈپىتىدە ئويلىشىدۇ.

  يېڭىدىن پەيدا بولغان «ۋاكسىنا قىسقا ئۇچۇرى ئالدامچىلىقى» ئىنتايىن قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، پۇقرالارنىڭ پۇلىنى ئالداپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ، يەنە ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇنداق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، كۆپكە ئىبرەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ