مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئىزچىل ئۆستۈرۈش لازىم

2021.01.07 19:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆلچەشتە، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى مۇھىم ئۆلچەم قىلىنىدۇ. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «تەكلىپ»تە، «جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» − «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىندى ھەمدە مەخسۇس باب تەسىس قىلىنىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىندى. جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە، ھەم قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە موھتاج. بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي، ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئىزچىل ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئۇزاق مۇددەت بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، بىز پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش شەرت. ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك − زامانىۋىلاشقان دۆلەتنىڭ روشەن بەلگىسى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك بولمىسا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىققىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم − ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەيدىغان ئۇلۇغ ئىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك مەدەنىيلىكنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپلا قالماي، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا. ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرى ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ