مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇم ئالدىدا، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ

2021.01.12 18:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خېبېي گاۋچېڭدا ئۈچ كىشى بەلگىلىمىنى كۆزگە ئىلماي، باشباشتاقلىق بىلەن سەنشىگە قايتتى، شىجياجۇاڭ شەھىرى گاۋيى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خەن فامىلىلىك ماسكا تاقىماي مەجبۇرىي سىرتقا چىقتى، ئىچكى موڭغۇلدا بىر ئەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ساغلاملىق كودىنىڭ كەسمە سۈرىتى بىلەن سەپەر مۇساپىسىنى يوشۇردى... يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايدا تارقاق ياكى توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم كۆرۈلدى، يەنە چاغان كېلىش ئالدىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپلەشمەكتە. لېكىن ھازىر، يەنىلا ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بەلگىلىمىنى كۆزگە ئىلماي ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، بىلەرمەنلىك قىلىپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پەرۋا قىلماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەرگىزمۇ كىچىك بالىلارنىڭ «مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويۇنى» ئەمەس، ھەممە ئادەم ھېيىقىشنى بىلىشى، تۆۋەن چەكنى ساقلىشى كېرەك. يىڭنە ئۇچى چوڭلۇقىدىكى تۆشۈكتىنمۇ كۈرە چوڭلۇقىدىكى شامال ئۆتەلەيدۇ، قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش − ھەممە ئادەم ساقلاشقا تېگىشلىك تۆۋەن چەك. نۆۋەتتە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»، «تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش نىزامى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن-نىزاملاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى شەخسلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا مۇناسىپ بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەريانىدا كۆرۈلگەن نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلارمۇ ئالاقىدار ھۆججەت، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى جازالىدى. ھەربىر ئادەم قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك. بۇ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت، شۇنداقلا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتتۇر.

  كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق. يۇقۇم ئالدىدا قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، قىلچە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. يۇقۇم ئالدىدا ھەربىر ئادەم تەلەي سىنىسا بولمايدۇ، ئاڭلىق ھالدا قائىدىگە رىئايە قىلىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك. بۇ ئۆزى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولغانلىق، شۇنداقلا جەمئىيەتكە مەسئۇل بولغانلىقتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ