خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى-قالدۇردى:
بىرىنچى، بەي تيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
ئوۋياڭ يۈجىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئىككىنچى، پەن ۋېيفاڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىيوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
چېن چۇەندۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىيوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئۈچىنچى، ۋاڭ ۋېنبىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنىس جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
جاڭ جيەنگونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنىس جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
تۆتىنچى، سۈن ۋېيدۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركمەنىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
چيەن نەيچېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركمەنىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
بەشىنچى، جياڭ جياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالتا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
يۈ گوخەينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالتا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئالتىنچى، شۈ خۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوللاندىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
تەن جيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گوللاندىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
يەتتىنچى، جاۋ يۇڭتەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرېنادادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
ۋېي خۇڭتيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىنىڭ گىرېنادادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى