مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى

2021.01.04 19:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 4-يانۋار نەشردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 1-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىلى 18-يانۋار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا سۆزلىگەن «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» ماۋزۇلۇق نۇتقى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىنسانلار زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، شۇنداقلا خىرىس ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇۋاتقان، خەۋپ-خەتەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان دەۋردە تۇرماقتا. دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز؟ بۇ، پۈتكۈل دۇنيا ئويلىنىۋاتقان مەسىلە، شۇنداقلا مەن ئىزچىل ئويلىنىۋاتقان مەسىلە. تىنچلىق مەشئىلىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەنبەسىنى ئۈزۈلدۈرمەي، مەدەنىيەت نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش __ ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا بىز بۇ بىر ئەۋلاد سىياسىيونلار زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت. جۇڭگو لايىھەسى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ھەرىكەتتە. خەلقئارا جەمئىيەت ھەمراھلىق مۇناسىۋەت، خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مەدەنىيەتلەر ئالاقىسى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان دۇنيا قۇرۇپ چىقىشى، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر دۇنيا قۇرۇپ چىقىشى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيا قۇرۇپ چىقىشى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان دۇنيا قۇرۇپ چىقىشى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ياخشى بولىدۇ، جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، بىرىنچىدىن، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۈچىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، تۆتىنچىدىن، جۇڭگونىڭ كۆپتەرەپچىللىكنى قوللاش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بىر گۈزەل نىشان، شۇنداقلا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ئارقىلىق ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشان. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئاپپاراتلار بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ