مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يىغىننىڭ كۆپلۈكىدىن، بەزى تارماقلاردا يەتتە-سەككىز رەھبەرمۇ يېتىشمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟

2021.01.12 18:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بېسىمى شىددەت بىلەن ئاشتى، لېكىن بەزى جايلاردا يىغىن ئېچىش «قىزغىنلىقى» قىلچە سۇسلاشمىدى. بەزى ئورۇنلاردا بەش-ئالتە يىغىن زالى بار بولسىمۇ، يەنىلا يېتىشمەيۋاتىدۇ؛ بەزى تارماقلاردا يەتتە-سەككىز رەھبەر بولسىمۇ، يەنىلا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. نۇرغۇن كادىرلار قاخشاپ مۇنداق دېيىشتى: «چوڭ يىغىن، كىچىك يىغىن، ھەمراھ بولىدىغان يىغىن، يىغىن تۈگىمەيدۇ؛ ئىشقا چىقساق يىغىن، ئىشتىن چۈشسەك يىغىن، ھەپتە ئاخىرىدىمۇ يىغىن، قاچان يىغىن ئېچىلمايدۇ؟»

  غەربىي رايوندىكى بىر ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يېقىندا ئۇ تۈرلۈك يىغىنلارنىڭ ئازابىدىن قاتتىق قىينالغان، ھەر كۈنى يا يىغىن ئاچىدىكەن، يا يىغىنغا ماڭغان يولدا بولىدىكەن. يىغىنلار ئۇلاپ ئېچىلسا، تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ قاراڭغۇ چۈشكىچە داۋام قىلدىكەن: ناھىيە بويىچە جەمئىي 50 تىن ئارتۇق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بار ئىكەن، ئۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق تارماق ھەربىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، قارىماققا خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىي باغلىنىشى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىكەن، لېكىن ھەر قېتىم ئاساسلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن. سەھنىدىكى رەھبەرلەر ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىسە، تۆۋەندە ئولتۇرغانلار يەنە نۇرغۇن جىددىي ئىشلارنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ جىددىيلەشسىمۇ، لېكىن يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلالمايدىكەن.

  يىغىننىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە مەمۇرىي بايلىقنى ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. 2019-يىلى 3-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھۆججەت ۋە يىغىنلارنى قاتلاممۇ قاتلام، زور دەرىجىدە ئىخچاملاپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن ھۆججەتلەر، ئېچىلغان يىغىنلارنى 30%تىن 50%كىچە ئازايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بەس-بەستە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئاۋاز قوشتى، تارقىتىلغان ھۆججەتلەر، ئېچىلغان يىغىنلار ئازايتىلدى، لېكىن «ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى» قىسمەن رايون، قىسمەن ساھەلەردە قايتا باش كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

  قۇرۇق گەپ دۆلەتنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئەمەلىي ئىش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ. ھازىر، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، يىغىننى زور كۈچ بىلەن ئىخچاملاش، بىرتۇتاش پىلانلاش − ھەم شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنىڭ ئېھتىياجى، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئېھتىياجى. پەقەت يىغىندىكى ئىشلارنى قاتتىق ئىگىلەپ، يىغىننى تەستىقلىتىشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سۆز قىلىش ۋاقتىنى قاتتىق چەكلەپ، قۇرۇق گەپ قىلىشنى توسۇپ، يىغىننى ئاز ئېچىپ، قىسقا ئېچىپ، ئەسقاتىدىغان يىغىننى ئاچقاندىلا، ئاندىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئېغىر يىغىن ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ياخشى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ