مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يىل ئاخىرىدىكى باھالاشتا شەكىلۋازلىق قىلىشقا قانداقمۇ يول قويۇلسۇن؟

2021.01.14 19:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەربىي رايوندىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يىللىق باھالىشىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، باھالاش تىزىملىكىدە 100 گە يېقىن تۈر بار ئىكەن. باھالاش تىزىملىكىنى كۆرۈپ، بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەن»، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوقۇتقۇچىلار ئەسلىدە ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن ھازىر نۇرغۇن مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار يەنە ھەممە يەردە ئىز قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغاچقا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇرغۇن زېھنىي كۈچى ماتېرىيال يېزىشقا سەرپ قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.

  زادى قانداق باھالاش مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتقاندۇ؟ بۇ تىزىملىككە تەپسىلىي قارىغاندا، باھالاش تۈرلىرى كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە باھالاش كۆرسەتكۈچىمۇ ئىنچىكە ئىكەن. مەسىلەن، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى كونترول قىلىش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىش خاتىرىسىدە قانچە قېتىم تېلېفونلاشقانلىقى، قانچە قېتىم ئائىلە زىيارىتى قىلغانلىقىنى يېزىش تەلەپ قىلىنغان، ئىشخانا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدىغان ماتېرىياللارنى بىر قېتىم سۈيلىسە 0.05 نومۇر تارتىش، بىر قېتىم يىغىنغا قاتناشمىسا 0.04 نومۇر تارتىش تەلەپ قىلىنغان... بۇلار، باھالاشتىكى شەكىلۋازلىق خاھىشىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە كىچىك تۈرلەر بار ئىكەن، كىچىك تۈرلەر ئىچىدە يەنە تارماق تۈرلەر بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسىدە ھېسابات دەپتىرى بولۇش، جەدۋەل بولۇش، خىزمەت لايىھەسى بولۇش، سىن ماتېرىيالى بولۇش، خۇلاسە دوكلاتى بولۇش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچىنى كۆپلەپ خورىتىپ، ئۇلارغا يەتكۈچە جاپا سالغان.

  يىل ئاخىرىدىكى باھالاش − خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش، ئىلغارلارنى باھالاش، مۇنەۋۋەرلەرنى بېكىتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. تۈزۈم لايىھەسىدىن قارىغاندا، يىل ئاخىرىدىكى باھالاش ئارقىلىق خىزمەتنى ئىنچىكە ھالدا كۆپ بۆلەككە بۆلۈپ، كۆپ كۆرسەتكۈچكە پارچىلاپ، بۇ ئارقىلىق خىزمەت نەتىجىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك باھالىغىلى بولىدۇ، دەپ قارالغان. لېكىن، بۇنداق ئىنچىكە ئايرىش ۋە چۇۋۇشنىڭمۇ چېكى بار، ئەگەر باھالاش ئوبيېكتىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتتىكى ئورنىغا بىرلەشتۈرۈلمەي، ئەكسىچە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، نارازىلىق پەيدا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ساختىپەزلىك قىلىش، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەندىن يوشۇرۇش، شەكىل ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بەزى ئاساسىي قاتلاملاردىكى يازما ماتېرىياللارنىڭ ئورىگىنالى بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىلىپ، قاتلاممۇ قاتلام ئىگىلىنىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۈزىتىلسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي خىزمەت ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرەلىشى ناتايىن.

  ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يىل ئاخىرىدىكى باھالاش لايىھەسىنى «كاللىغا بىرنى ئۇرۇپلا» ئويلاپ چىقىشقا بولمايدۇ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ھالقىلىق ئىشلارنى تەكشۈرگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي نەتىجىلەرنى باھالاپ چىققىلى، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار كونا مەسىلىلەر ۋە يېڭى ئىپادىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، نىشانلىق داۋالاپ، مەنبەدىن تۈزەپ ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان پۇت-قولىنى شەكىلۋازلىقنىڭ ئاسارىتىدىن يەنىمۇ قۇتۇلدۇرۇپ، «14-بەش يىل»دىكى گۈزەل پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ