مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كىتاب ئوقۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.01.18 19:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش تەجرىبىلىرىنى توردا ئالماشتۇرۇش يىغىنى 14-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش − ئەزالارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، كېڭىشىش ئىقتىدارى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىزدىنىشىدۇر. سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشنى يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەت مەزمۇنى ۋە ئاساسىي ماھارىتى قىلىپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بۇ ئىشنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، كېڭىشىش مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈش، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇلتۇر 4-ئايدىن بۇيان، ئەزالارنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، پائالىيەت شەكلى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېتەكچىلىك قىلىدىغان، يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر ئورتاق قاتنىشىدىغان، تور ئىچى-سىرتىدا ماس ئىلگىرى سۈرىدىغان، كىتاب ئوقۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ياخشى ۋەزىيەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، «ئوقۇمۇشلۇق سىياسىي كېڭەش» قۇرۇلۇشى بىلىمنى ئاشۇرۇش، ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، ئۇزاققىچە تىرىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش باش تېمىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، «تور» ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ «يېتەكلەش» كۈچىنى يېتەرلىك سەرپ قىلىپ، «ئامما»نىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش كەيپىياتى يارىتىپ، مۇزاكىرە داۋامىدا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىپ، ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، «ئوقۇمۇشلۇق سىياسىي كېڭەش» ئارقىلىق «ئوقۇمۇشلۇق جەمئىيەت» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئەزالارنىڭ قاتنىشىش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەزالارنى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ «كىتاب ئوقۇيمەن» دەيدىغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئاڭلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى ئەزالار كىتاب ئوقۇش ئاكتىپلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارنى ئوقۇدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ چىباۋ ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى بىن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، سۇ خۇي، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى. دىڭ ۋېي، مياۋ ۋېي، چاڭ شىنمىن، لى جىيۇڭ، لۈ جۇڭمېي، گې خۇيجۈن، ۋېي ۋېي، لى ۋېيۋېي، ياڭ شيۇڭشۈ قاتارلىق توققۇز ۋەكىل سۆز قىلدى. ئالماشتۇرۇش يىغىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلدى، جېجياڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش، ئەنخۇي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش، خۇنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشتە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  2020-يىلى 4-ئايدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 47 كىتاب ئوقۇش توپى ۋە يەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تۆت كىتاب ئوقۇش توپى تەسىس قىلىندى، 34 ساھەدىن كەلگەن 1800 دىن ئارتۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ توردىكى بىلىم يۇرتىدا پائالىيەتكە قاتناشتى، 120 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ