مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ستارباكس شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى خوۋارد شۇلتزغا جاۋاب خەت ئەۋەتتى

2021.01.15 19:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-يانۋار ئامېرىكا ستارباكس شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى خوۋارد شۇلتزغا جاۋاب خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ستارباكس شىركىتى بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىغا ئىلھام بەردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشتى. جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، ستارباكس قاتارلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ستارباكس شىركىتىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇلتز رەئىس شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ