مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 81-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2021.01.13 20:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 81-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىدا ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، مەمۇرىي جازا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، دېڭىز ساقچىسى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ قانۇن ياردىمى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ- پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ كەسىپكار ۋىراچ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، مائارىپ قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بېيجىڭ پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ 25-قېتىملىق يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بېلگىيە پادىشاھلىقىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»گە قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»گە قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدىكى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپى، تەنقىدى ۋە پىكرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاڭلاپ ئۆتۈش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2020-يىللىق ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىش.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېت 25-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى دائىمىي كومىتېت 25-قېتىملىق يىغىنىنىڭ يىغىن قارالمىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئېمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بايماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ