مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆزى دەۋا قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئەيىبلەشكە ئۆزگىرىشى ئەدلىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىدۇ

2021.01.14 19:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  خاڭجوۋدىكى بىر ئايالنىڭ تېز يوللانما تاپشۇرۇۋېلىشىغا پىتنە-ئىغۋا توقۇش دېلوسىغا قارىتا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۈخاڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە «ئۆزى دەۋا قىلىشنى ئاممىۋى ئەيىبلەشكە ئۆزگەرتىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش» توغرىسىدا تەپتىش تەكلىپى بەردى. بۇ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىنى قوللاش ۋە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش پوزىتسىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  نۆۋەتتە، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. پىتنە-ئىغۋالار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا جىسمانىي جەھەتتە زىيان يەتكۈزۈشى ناتايىن، لېكىن كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەت بەلكىم جىسمانىي زىياندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، خاڭجوۋدىكى بىر ئايالنىڭ تېز يوللانما تاپشۇرۇۋېلىشىغا پىتنە-ئىغۋا توقۇش دېلوسى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ھەرقانداق ئادەم بۇ خىل دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلىنىشى مۇمكىن، ئەگەر ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلسە، نەتىجىدە تورنىڭ ئاممىۋى تەرتىپى ۋە جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.

  پۇقرالارنىڭ شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تەننەرخى يۇقىرى، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئاممىۋى ھوقۇق ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرۈش − باشقىلارنى ھاقارەتلەش ياكى تۆھمەت قىلىش قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى «جەمئىيەت تەرتىپى ۋە دۆلەت مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن بولسا» ئەيىبلەشكە بولىدۇ، دەيدىغان بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، قانۇننىڭ ھەر بىر پۇقرانىڭ ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، بۇمۇ قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنىڭ ئەسلىي مەنىسىدۇر.

  ئۆزى دەۋا قىلىشنى ئاممىۋى ئەيىبلەشكە ئۆزگەرتىدىغان دېلولار كۆپ ئۇچرىمايدۇ، خاڭجوۋدىكى بىر ئايالنىڭ تېز يوللانما تاپشۇرۇۋېلىشىغا پىتنە-ئىغۋا توقۇش دېلوسى بەلگە خادىسى بولۇشتەك ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ئۇنىڭدا «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى قانۇن جازالايدۇ؛ پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىنى ئەدلىيە ئورگانلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى كېرەك»، دېگەندىن ئىبارەت روشەن پوزىتسىيە ئىپادىلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ