مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

داليەندىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تىزىملاشقا ماسلاشمىغان ئايال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

2021.01.15 19:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  داليەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 14-يانۋار كەچتە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بىر ئايالنىڭ ئولتۇراق رايونغا كىرىشتە پىدائىيلارنىڭ تىزىملىشىغا ماسلىشىشنى رەت قىلغانلىقى ھەمدە مەھەللىدىكى «لۇ شۇجى»غا تېلېفون قىلىپ، قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىق ۋەقەسىدىكى ۋاڭ چېنمىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، توردا داليەن شەھىرى جىنپۇ يېڭى رايونىدا بىر ئايال ئولتۇراق رايونىغا كىرمەكچى بولغاندا، پىدائىيلارنىڭ تىزىملىشىغا ماسلىشىشنى رەت قىلغان ھەم مەھەللىدكى «لۇ شۇجى»غا تېلېفون قىلىپ، ئۆتكۈزۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان سىن كۆرۈنۈشى تارقالغان. بۇنىڭغا قارىتا، داليەن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى دەرھال جىنپۇ يېڭى رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى كومىتېتىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى بۇيرىغان ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئايالنىڭ جىنپۇ يېڭى رايونى دوستلۇق كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ چېنمىڭ ئىكەنلىكى، «لۇ شۇجى»نىڭ جىنپۇ يېڭى رايونى دوستلۇق كوچا باشقارمىسى كاڭلې مەھەللىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لۇ شيەنباۋ ئىكەنلىكى، توردا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ راست ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋاڭ چېنمىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق دوستلۇق كوچىسى خۇاشيا جىنچېڭ ئولتۇراق رايونىغا قايتقان، ئولتۇراق رايونىنىڭ تەكشۈرۈش ئېغىزىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە مەسئۇل پىدائىيلار تەلەپ بويىچە ئىسىم-فامىلىسى، تېلېفون، كىملىك نومۇرى، كىرىپ چىقىش ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يېزىشىنى ئېيتقان، لېكىن ۋاڭ چېنمىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى تولدۇرمايلا ئولتۇراق رايونغا كىرمەكچى بولغان، پىدائىيلار ئۇچۇر تولۇقلاشنى تەلەپ قىلغان، ۋاڭ چېنمىڭ نەق مەيداندا رەت قىلغان ھەمدە لۇ شيەنباۋغا تېلېفون قىلىپ، لۇ شيەنباۋنىڭ پىدائىيلارغا دەپ، ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان، لۇ شيەنباۋ ۋاڭ چېنمىڭنىڭ كوچا باشقارمىسىنىڭ رەھبىرى ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ، پىدائىيلارغا ئۇنى ئاددىي تىزىملىغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىشنى ئۇقتۇرغان. كېيىن ۋاڭ چېنمىڭ ئۆزى ئولتۇراق رايونغا كىرگەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ۋاڭ چېنمىڭ كوچا باشقارمىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋەسۋەسىسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە تىزىملاشقا ماسلاشماي، ئارقا ئىشىك ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىگە قولايلىق يارىتىشنى ئويلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، پىدائىيلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئېغىر ناچار تەسىر پەيدا قىلغان؛ لۇ شيەنباۋ مەھەللە كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماي، پىدائىيلارنى تەكشۈرۈش ئېغىزىدىن ئۆتكۈچىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بۇيرۇغان. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋاڭ چېنمىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلدى، لۇ شيەنباۋغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ