مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2021.01.15 19:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ماركسىزمنىڭ مول تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقات-تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ»، ماركسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىدىيەۋى نەزەرىيە خىزمىتى سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قۇرۇلۇش» دېيىلىدۇ)نى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى سىجىل نەزەرىيە مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىش لازىم. ماركس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ھەرقانداق ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ ھەممىسى «ئۆز دەۋرىنىڭ روھىي جەۋھەرلىرىدۇر». شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى − مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىر ماركسىزمىدۇر. «قۇرۇلۇش» پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشى شەرت.

  نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تېما ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، زور ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىمىنى تەھلىل قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نوپۇزلۇق ئۆگىنىش ماتېرىيالى، نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، خەلقنى تەربىيەلەپ، دەرسلىك قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، زاپاس ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «قۇرۇلۇش»نى ماركسىزملىق نەزەرىيە تايانچلىرى ۋە سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تاشقى تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ