مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لياڭ خاۋ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2021.01.18 20:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لياڭ خاۋ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا ئىكەن.

  لياڭ خاۋنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  لياڭ خاۋ، ئەر، خەنزۇ، 1970-يىل 11-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنمى ناھىيەسىدىن، 1993-يىل 3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1996-يىل 3-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە.

  1989-يىلى 10-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيە-يەرلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1992-يىلى 7-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە تەقسىماتنى كۈتۈپ تۇرغان؛

  1993-يىلى 3-ئايدىن 1993-يىلى 10-ئايغىچە ساۋەن ناھىيەسى ئۇلانئۇسۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى بولغان؛

  1993-يىلى 10-ئايدىن 1997-يىلى 9-ئايغىچە ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1997-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (1995-يىلى 8-ئايدىن 1997-يىلى 12- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)؛

  1998-يىلى 3-ئايدىن 2000-يىلى 2-ئايغىچە ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2000-يىلى 2-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2000-يىلى 7-ئايدىن 2002-يىلى 10-ئايغىچە ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (1999-يىلى 1-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە سۇجوۋ داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ ئىقتىسادىي مەمۇرىي قانۇن كەسپىدە ئاسپىرانتلار دەرسى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛

  2002-يىلى 10-ئايدىن 2006-يىلى 7-ئايغىچە چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان (ئارىلىقتا: 2003-يىلى 9-ئايدىن 2003-يىلى 11-ئايغىچە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان؛ 2004-يىلى 9-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە داليەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2006-يىلى 7-ئايدىن 2008-يىلى 8-ئايغىچە چاغانتوقاي ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2008-يىلى 8-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2012-يىلى 2-ئايدىن 2016-يىلى 12-ئايغىچە شىخۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2016-يىلى 12-ئايدىن 2018-يىلى 4-ئايغىچە قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2018-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

  (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ