مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

2021.01.15 19:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 48-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 14-يانۋار بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتى توغرىسىدا قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە ھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى، بىز چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە) ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە) قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يۇقىرىقى لايىھەلەرنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 15-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىغا ياخشى تەييارلىق كۆرۈش، تەشكىللەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىش كېرەك. يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا مەركەزلەشتۈرۈشنى يىغىننىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، كەڭ ئەزالارنى «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. دېموكراتىيەنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكىنى بىرلەشتۈرۈش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەزالارنى سۆز قىلىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، كەڭ-كۇشادە سۆزلەش، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك يىغىن كەيپىياتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ئىتتىپاقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەزالار ئارىسىدا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەزالار ئارقىلىق ساھەدىكى ئاممىغا ئورتاق تونۇشنى تارقىتىپ، تېخىمۇ كەڭ بولغان بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر يىلدىن بۇيانقى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى يېڭى نەتىجىلىرىنى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىسلىتىنى ۋە پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھىي ھالىتىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاپ، يىغىننى تىرىشچان-ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يىغىننىڭ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2021-يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى، لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلارنى يەتكۈزدى، چۈشەندۈردى ۋە دوكلات قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ