مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چېن مىڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە تەيىنلەندى

2021.01.20 20:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21-يىغىنىدا، چېن مىڭگونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  ۋاڭ مىڭشەننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرىلىقىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.

  چېن مىڭگونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرىلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.

  چېن مىڭگونىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  چېن مىڭگو، ئەر، خەنزۇ، 1966-يىل 10-ئايدا تۇغۇلغان، (54 ياشتا)، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يىلۇڭ ناھىيەسىدىن، 1988-يىل 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1992-يىل 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتە تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، (2009-يىل 1-ئايدا غەربىي جەنۇب مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى قانۇنشۇناسلىق شۆيۈەنىنىڭ نوپۇسشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن)، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى.

  1984-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە بېيجىڭ داشۆسى قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1988-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 6-ئايغىچە سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پۈتۈكچىسى، ياردەمچى سوتچىسى بولغان (ئارىلىقتا: 1989-يىلى 5-ئايدىن 1990-يىلى 5-ئايغىچە گۇاڭخەن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىققان)؛

  1992-يىلى 6-ئايدىن 1997-يىلى 8-ئايغىچە سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار-ئەدلىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛

  1997-يىلى 8-ئايدىن 2001-يىلى 12-ئايغىچە سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار-ئەدلىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  2001-يىلى 12-ئايدىن 2003-يىلى 5-ئايغىچە سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2003-يىلى 5-ئايدىن 2004-يىلى 3-ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

  2004-يىلى 3-ئايدىن 2004-يىلى 7-ئايغىچە سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2004-يىلى 7-ئايدىن 2008-يىلى 8-ئايغىچە سىچۇەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2008-يىلى 8-ئايدىن 2012-يىلى 4-ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى بولغان، (2004-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 1-ئايغىچە غەربىي جەنۇب مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى قانۇن شۆيۈەنى نوپۇسشۇناسلىق كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)؛

  2012-يىلى 4-ئايدىن 2013-يىلى 9-ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (نازىر دەرىجىلىك)؛

  2013-يىلى 9-ئايدىن 2015-يىلى 1-ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2015-يىلى 1-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتكوم شۇجىسى، ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان (2015-يىلى 4-ئاي)؛

  2018-يىلى 1-ئايدىن 2020-يىلى 12-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ