مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا ئايرىم-ئايرىم بىر سائەتتىن ئارتۇق تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىدۇ

2021.01.19 19:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 18-يانۋار يېڭى دەۋردىكى مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا تەنتەربىيە دەرسىنى كۆپەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلاشقان ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەر تىلغا ئېلىندى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا ئايرىم-ئايرىم بىر سائەتتىن ئارتۇق تەنتەربىيە چېنىقىشىغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىشتىكى 20 ماددىلىق تەدبىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «20 ماددا» دېيىلىدۇ) ۋە ئالاقىدار خىزمەت لايىھەسىنى تارقاتتى. شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان «20 ماددا» مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان مەكتەپ تەنتەربىيە مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىنى كۆپەيتىش، دەرستىن سىرتقى چېنىقىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى تەنتەربىيە چېنىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كۈچەيتىپ، تىرېنېر، سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەر قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىنى قوللاش؛ بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدانى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىقلار.

  بۇنىڭ ئىچىدە، تەنتەربىيە دەرسىنى تولۇق ئۆتۈش، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بەش سائەت تەنتەربىيە دەرسى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەر ھەپتىدە تۆت سائەتتىن بەش سائەتكىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەر ھەپتىدە ئۈچ سائەتتىن بەش سائەتكىچە ئۆتۈش لازىملىقى، تەنتەربىيە دەرسىنى ھەرقانداق شەكىلدە ئىگىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەكتەپلەر ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 25 مىنۇت چوڭ تەنەپپۇسلۇق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. تەنتەربىيە دەرسى يوق شۇ كۈنى ئاز دېگەندە 45 مىنۇت دەرستىن سىرتقى چېنىقىش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا ئايرىم-ئايرىم بىر سائەتتىن ئارتۇق تەنتەربىيە چېنىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۆزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئالاقىدار خىزمەت لايىھەسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش، باھالاش، ئارىلىشىش ۋە باھالاشنى ياخشى ئىشلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلاشقان ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا قارىتا قەرەللىك ھالدا ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە قاراتمىلىق ھالدا ئارىلىشىش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ