خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىسار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مېھرىگۈل ئۆمەر ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
مېھرىگۈل ئۆمەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
مېھرىگۈل ئۆمەر، ئايال، ئۇيغۇر، 1966-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىن، 1987-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1994-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1985-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان؛
1987-يىلى 7-ئايدىن 1987-يىلى 8-ئايغىچە تەقسىماتنى كۈتۈپ تۇرغان؛
1987-يىلى 8-ئايدىن 1989-يىلى 9-ئايغىچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان؛
1989-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛
1998-يىلى 2-ئايدىن 1999-يىلى 8-ئايغىچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1999-يىلى 8-ئايدىن 2002-يىلى 5-ئايغىچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (ئارىلىقتا: 1998-يىلى 10-ئايدىن 2001-يىلى 12-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق، خەنزۇ تىلى تەرجىمە كەسپىدە ئوقۇغان)؛
2002-يىلى 5-ئايدىن 2002-يىلى 12-ئايغىچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛
2002-يىلى 12-ئايدىن 2004-يىلى 12-ئايغىچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى بولغان؛
2004-يىلى 12-ئايدىن 2006-يىلى 5-ئايغىچە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2006-يىلى 5-ئايدىن 2010-يىلى 2-ئايغىچە يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛
2010-يىلى 2-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2012-يىلى 2-ئايدىن 2012-يىلى 3-ئايغىچە يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ھاكىم نامزاتى بولغان؛
2012-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە يېڭىسار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى