مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش لازىم

2021.01.04 19:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۆتمۈشنى جانلىق بايان قىلىپلا قالماي، ھازىر ۋە كەلگۈسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 23-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ زېمىنغا تىزىلغان مىراسلار، قەدىمىي كىتابلاردىكى يېزىقلارنى جانلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى بېيىتىشىمىز كېرەك.» پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، مۇھىم مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.» پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى بېيىتىشتا، مۇزېيدىن ئىبارەت بۇ خەزىنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قىممىتىنى قېزىش، شەرھلەش ۋە تارقىتىش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش كېرەك.

  مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا شانلىق مەدەنىيلىك يۈكلەنگەن، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنغان، مىللىي روھ باغلانغان بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بايلىقتۇر. مۇزېي ئىنسانلار ۋە ئىنسانلار مۇھىتىدىكى ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مىراسلارنى يىغىپ ساقلايدىغان، تەتقىق قىلىدىغان، كۆرگەزمە قىلىدىغان، تارقىتىدىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخنى دەلىللەپ شەرھلەش، قىممەت يۆنىلىشىنى يېتەكلەش، ئېستېتىك زوق يېتىلدۈرۈشتەك زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇشتا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدىلا توختاپ قالماي، قىممەت قاتلىمىغىمۇ چوڭقۇر چۆكۈش كېرەك. بىز كىشىلەرنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، توغرا تارىخ قارىشى، قىممەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى قاتارلىقلارنى يېتىلدۈرۈش ۋە شەكىللەندۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخىي قىممەت، مەدەنىيەت قىممىتى، ئېستېتىك قىممەت، پەن-تېخنىكا قىممىتى ۋە دەۋر قىممىتىنى تونۇشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ