مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىدۇر

2021.01.04 19:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ ئىدىيەنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ قانۇنچىللىقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، 21-ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ قانۇنچىللىق مۇساپىسى دۇچ كەلگەن «ئەسىر تېمىسى»غا ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، 21-ئەسىردىكى ماركسىزملىق قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ مىزانى ۋە ھەرىكەت يېتەكچىسى بولۇپ، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېڭى ھالقىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى يىراقنى كۆرەر، نەزەر دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول، بايانلىرى چوڭقۇر، بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك.

  ماركسىزملىق قانۇنچىللىق ئىدىيەسى − ماركس، ئېنگېلس بەرپا قىلغان ھەمدە خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان ئىلمىي قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدۇر. پارتىيەمىز ئىنقىلابىي تايانچ بازا قۇرغان چاغدىلا خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزۈش، يولغا قويۇش ئەمەلىيىتىنى ئېلىپ بېرىپ، 100 يىلغا يېقىن ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات مۇساپىسىدە ماركسىزملىق قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنىڭ جۇڭگوچىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخ بىلەن رېئاللىقنى تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قانداق يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پىشقان پەلسەپىۋى ئۇسۇل ۋە روشەن ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر يۈرۈش قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزملىق قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى خەزىنىسىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ