شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ياشاشقا، تىرىكچىلىك قىلىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.12.30 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان تارىخىي پەيتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش-پۈتۈن پارتىيە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. پۈتۈن پارتىيە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ياشاشقا، تىرىكچىلىك قىلىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى شەرت.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى تۈپ مەسىلىنىڭ دېھقانلار مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، دېھقانلارنىڭ بەختىنى كۆزلەشنى مۇھىم بۇرچ قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز دېھقانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئالدى بىلەن ئېچىپ، يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز، سالمىقى ئەڭ زور، نەپكە ئېرىشكەن نوپۇس ئەڭ كۆپ بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى باشلاپ ۋە يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى 2010-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلاندى، يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتى يىپيېڭى تۈسكە كىردى. نامرات رايونلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل قىيناپ كەلگەن كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا زور تۆھپە قوشۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقتىن قارىغاندا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش شەرت. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ ئاساسىنى ياخشى ساقلاش-ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىش ۋە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ئۇلتېشى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىستراتېگىيەنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشقا قارىتىش لازىم، يېزىلاردا غايەت زور بوشلۇق بار، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يېزا ئىگىلىكى دۆلەتنىڭ ئاساسىدۇر. ئاساس مۇستەھكەم بولسا، دۆلەت ئەمىن تاپىدۇ. بىز يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىگە چوڭ تارىخ قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، پەقەت «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن پارتىيەمىز، دۆلىتىمى ۋە مىللىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا، ئەڭ كەڭ، ئەڭ چوڭقۇر ئاساس يەنىلا يېزىلاردا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، بۇ،«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، خىزمەتتە، سىياسەتتە بوشلۇق قالدۇرماسلىق؛ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەتچان تەكشۈرۈش ۋە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسانلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ياكى نامراتلىشىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان نوپۇسنى تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، داۋاملىق تۈردە ۋە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، تېخنىكا، ئەسلىھە، تىجارەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ داۋاملىق يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يانداش ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تەدرىجىي بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرگە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى. ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئاساسلىق ياردەم سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاش؛ ھازىرقى ياردەم سىياسەتلىرىنى تەدرىجىي تۈرگە ئايرىپ سەرخىل تەڭشەپ، تەڭشەش رىتىمى، سالمىقى، ۋاقىت چېكىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاشتىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە تەكشى ئۆتۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر يىلى چىڭ تۇتۇش؛ بىر مىليارد 800 مىليون مولۇق تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىدىغان كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەڭ قاتتىق بولغان قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىپ، قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ئوخشاشلا ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى، مۇقىم ھوسۇل ئېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ قارا تۇپراقنى قوغداشنى چوڭ ئىش قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، قارا تۇپراقنى ياخشى ئىشلىتىش، ئاسراش؛ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا مۇستەقىل بولۇپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كۆپەيتىپ، يىغىپ ساقلاشنى تەڭشەپ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تولۇق تەننەرخ ۋە كىرىم سۇغۇرتىسى دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى يولغا قويۇشى، ئاشلىققا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇشى، شۇجىمۇ مەسئۇل بولۇشى لازىم. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات يارىتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش؛ چوشقا بېقىش كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىنى قوللاش؛ يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى قەتئىي بوشاشماي توسۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، شۇڭا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچلەرنى توپلاش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كەسىپ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ماسلىشىپ، مەۋقەنى شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە بايلىقىغا قارىتىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەنپەئەتنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزىلاردا ناچار ئۆرۈپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي ساددا خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مىخ مىخلاش روھى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى قاتارلىقلارنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ بايلىق ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ ئىجادىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ياساشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى داۋاملىق يېزىلارغا قارىتىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، تولۇق كاپالەتلىك، ئۇللۇق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ۋە پاسكىنا سۇ، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش لازىم. كەنتلەرنىڭ جايلىشىشى، تۈرگە ئايرىلىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئەنئەنىۋى كەنت ۋە يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە قىياپىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىلەرنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ناھىيەنى شەھەر-يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىككە بايلىقنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشتە تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەتتىنچى، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىنچ يېزا-كەنت قۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى ئاساسلىق زېھنىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە قارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ «بىرىنچى سەپتىكى باش قوماندانى» بولۇشى كېرەك. يېزا-بازار رەھبەرلىك بەنزىسى، كەنت پارتىيە ياچېيكا كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئەزالىرى، بولۇپمۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنى ياخشىلاردىن تاللاش، قابىللاردىن سەپلەش، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش خىزمەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەشكە تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاش، سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرىدىغان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا تاللاپ ئەۋەتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇشنىڭ كەڭ سەھنىسى قىلىش، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا تۆھپە يارىتىشقا جەلپ قىلىپ، بارلىق دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك.

  لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئومۇمىيىتى چىقىش نۇقتىسى قىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەلىپى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى. بۇ ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، كېلەر يىلى ۋە «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا خۇلاسە سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تۈپ قوللانمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ياخشى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەردىكى كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئۇل ۋە تىرىكىنى پۇختىلاپ، ئۇرۇقچىلىقتا قەد كۆتۈرۈش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ناھىيە تەۋەسىدە شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر (مۇزاكىرە ئارگىنالى)» مۇھاكىمە قىلىندى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ