مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىسلاھات ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.12.31 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 30-دېكابىر چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىدىيەۋى قاراشنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەنپەئەت تۇراقلىشىپ قېلىش چىتلىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە-مېخانىزم نۇقسانلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈلۈككە ۋە قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات مۇساپىسىنى باشلىدى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۇللۇق تۈزۈم رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزۇلۇپ، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇش، سىستېمىلىق قايتا بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك قايتا قۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان، ئىلمىي يوسۇندا قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى ۋە تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا پۇختا ئاساس سېلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىسلاھات ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يەكۈنلەش، باھالاش دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى. يىغىندا، «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىركەتنى باشقۇرۇشقا سىڭدۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىرنىڭ سىناق نۇسخىسى»، «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش تۈزۈمى ئىسلاھات لايىھەسى»، «مەمۇرىيەت سانلىق مەلۇماتىدىن ھەمبەھىرلىنىشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتتىن تەرتىپلىك ھەمبەھىرلىنىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر»، «خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»، «يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى پىكىر»، «باج قانۇن ئىجرا ئۇسۇلىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»، «بېيجىڭ پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش ھەققىدىكى لايىھە»گە قاراپ چىقىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىكى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئەسلىسەك، بىز ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى، قوللانغان بىر يۈرۈش زور تەدبىرلەر، قولغا كەلتۈرگەن بىر يۈرۈش زور بۆسۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بولۇپ، بۇنىڭدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺑﯘ − ئىدىيەۋى ﻧﻪزەرﯨﻴﻪدىكى بىر مەيدان ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ. بىز ئىدىيەۋى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق ئىدىيەۋى نەزەرىيەنىڭ بېيىتىلىشى ۋە راۋاجىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي نىشانى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، ئۇسۇلى، يوللىرى قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك بىر يۈرۈش مۇھىم ئىدىيە ۋە زور ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكى، ئىسلاھاتنى قانداق قىلىپ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىملىقى ھەققىدە بىر يۈرۈش زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردۇق. ئىككىنچى، بۇ − تەشكىلىي ئۇسۇلنى ئىسلاھ قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. بىز پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئومۇملۇق قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئۇلنى پۇختىلاپ، تۈۋرۈكنى مەزمۇت تۇرغۇزۇشتىن يەنە تەرەققى قىلىپ ئوتتۇرا مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاساسنى تېخىمۇ چىڭىتىشقىچە، ئۇنىڭدىن يەنە ھازىرقى باسقۇچتىكى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، تەڭكەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى كۈچەيتىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمىلىك توسالغۇ، مېخانىزملىق توسالغۇ، سىياسەت خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىلىرىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ھەل قىلىپ، يۆنىلىش ۋە نىشاننى ئېنىق قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇل ۋە يولنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، قىسمەن ئىزدىنىش، مۇز يېرىپ بۆسۈپ ئۆتۈشتىن باشلاپ سىستېمىلىق ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە بولغان بۇ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئۈچىنچى، بۇ − دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. بىز تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى باشتىن-ئاخىر گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈم رامكىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈپ تۈزۈمنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم تۈزۈملەردە يېڭىلىق ياراتتۇق. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، «13-بەش يىللىق» پىلاننى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى قاتارلىق جەريانلاردا، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلدى، ئىسلاھاتنىڭ ھالقىلىق تەدبىرى تولۇق نامايان قىلىندى. مەيلى ئىسلاھاتنىڭ دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقى بولسۇن، مەيلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان ئەمەلىي سىنىقى بولسۇن، قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر روشەن دەۋر خاراكتېرىگە ۋە ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە. تۆتىنچى، بۇ − خەلق كەڭ دائىرىدە قاتناشقان بىر مەيدان چوڭقۇر ئىنقىلاب. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش، ئالدىن سىناق قىلىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتقان ھالدا نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقان، تولۇق ئۇرغۇپ تۇرغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئىسلاھات يولىدا يەنىلا ئىنتايىن نۇرغۇن مۇرەككەپ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، بىز نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق، ئەمما بىز يېڭىشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار بار، بىز نۇرغۇن ئۆتكەللەردىن ئۆتتۇق، ئەمما بىز ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەللەر بار. بىز چوقۇم ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشان-ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئىجادىي خاراكتېرگە ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى چوقۇم ئۇللۇق ۋە زور يېتەكلەش رولىغا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتا تولۇق ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىگە چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پەيتى، ئۇسۇلى، رىتىمىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركەز كارخانىلىرى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇلار يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)نىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدىكى ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ۋە مۇدىرىيەت، دىرېكتورلار قاتلىمى قاتارلىق باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت قانۇندا بەلگىلەنگەن، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئاشكارا بولغان، ماس يۈرۈشىدىغان، ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدىغان شىركەت باشقۇرۇش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش − ئېلىمىزنىڭ بايلىق، مۇھىت، ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسى تەدبىرى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل پىلان، يېشىل لايىھە، يېشىل سېلىنما، يېشىل قۇرۇلۇش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل ئوبوروت، يېشىل تۇرمۇش، يېشىل ئىستېمالنى ھەر تەرەپلىمە، تولۇق جەريانلىق يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنى چوقۇم بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قاتتىق قوغداش، ئاتموسفېرانىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش قاتارلىقلار ئاساسىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش − كارخانا مۇھىتىنى باشقۇرۇشتىكى تۈزۈم، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئۇللۇق مەزمۇنى. ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، دىققەتنى چوقۇم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ۋە پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى قاتارلىقلارغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان، بازار ۋە جەمئىيەت يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدىغان، كارخانىلارنىڭ مۇھىت ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشكارىلاشنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، نازارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلار تەلەپچان، باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك، نازارەتچىلىكى قاتتىق، تىرىكى كۈچلۈك بولغان مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرىي ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەمۇرىيەت سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتتىن تەرتىپلىك ھالدا ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىي يېتەكلەش، بىخەتەر ۋە كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولۇش، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت سانلىق مەلۇماتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش بىخەتەرلىك تۈزۈم سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى، تېخنىكا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، تارماقلارنىڭ ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى تېخىمۇ دەل جايىدا ۋە راۋان تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خامچوت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خامچوتنى قانۇندا بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خامچوتنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقتىنچە غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەتخەجلىك، ئىسراپچىلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تۈگىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەت − پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باج قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشتا، باج قانۇنىنى ئىجرا قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى، ئۇسۇلى، ۋاسىتىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننى توغرا ئىجرا قىلىش، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش، دەل جايىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، توغرا ۋە سەمىمىي ئورتاق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، باج قانۇنىغا ئەمەل قىلىش دەرىجىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، باج ئېلىش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، باج كىرىمىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق، تۈۋرۈكلۈك، كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش − دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، ياخشى پۇل مۇئامىلە قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بېيجىڭ بولسا دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش مەركىزىدۇر، پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن، يۇقىرى ئۆلچەمدە تەسىس قىلىپ، رايونلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە دېلولىرىنى مەركەزلىك باشقۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە دېلولىرىنى سوتلاش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە دېلولىرىنى سوتلاشنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ