مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «تايانچ»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم

2020.12.25 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېزىلارنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ياخشى باشلامچىلارغا، ياخشى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا تايىنىش كېرەك.» يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئاممىغا ئىشەنچ ئاتا قىلغاندىلا، ئاندىن سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يول»نى ئېچىپ، ئاممىنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان «تايانچى»غا ئايلىنالايدۇ.

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغانغا ئايلىنىشتا، تەشكىلى مۇكەممەل بولۇشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئاچقۇچتۇر. بىز قوشنا رايوندىكى پارتىيە ياچېيكىسىنى ئاساس قىلىپ، كەنت ھالقىغان ئۇنىۋېرسال پارتكوم قۇرۇپ، ئەڭ ئاساسىي «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»تىن باشلاپ تۇتۇپ، كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىدىكى كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا «ئائىلە»نىڭ تەۋەلىكىنى تېپىپ بەردۇق؛ كەنت ئىشلىرىدا تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى چىڭىتىلىپ، كەنتتىكى ئىشلارنى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى باشقۇرىدىغان، ئۆزى مۇھاكىمە قىلىدىغان بولدى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرلىشىپ تۇتۇش، بىرلىشىپ باھالاش، باشقۇرۇشتىن باشلاپ، ئارقىدا قالغان پارتىيە ياچېيكىلىرىنى ئۆزئارا باھالاش داۋامىدا جاسارەت بىلەن قوغلاتتۇق. مۇشۇ ئاساستا، ئۇنىۋېرسال پارتكوم باشلامچى بولۇپ كەسىپلەرنى بىرلىشىپ گۈللەندۈرۈش، ئەسلىھەلەرنى بىرلىشىپ قۇرۇش، مۇلازىمەتنى بىرلىشىپ بېجىرىش، يېزا ئىستىلىنى بىرلىشىپ سېلىشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىغا ھەممە يەردە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىماسىنى كۆرسىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ھېس قىلدۇردۇق.

  يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ۋاقتىدا يېتىشىپ ماڭغاندىلا، خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىگىلى بولىدۇ. بىز ھەرقايسى كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال پارتكوم ئاستىدا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، چاي، ياڭاق، يەرلىك دورا ماتېرىياللىرى، ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق قاتارلىق فۇنكسىيەلىك پارتىيە ياچېيكىلىرىنى قۇرۇپ، دىققەتنى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنى زورايتتۇق، كۈچەيتتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باجۇڭ شەھىرى فۇنكسىيەلىك پارتىيە ياچېيكىسىغا تايىنىپ، 800 مىڭ مو خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپ بازىسى قۇرۇپ، 158 مىڭ 500 كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، كۈندىن-كۈنگە ئۆزگىرىش داۋامىدا ئاممىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىش − يېزا پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىردۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ