مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: يېشى كىچىك بولۇش ئەمدى يامان قىلمىشنى كەچۈرۈم قىلىدىغان ئالتۇن دەستەك بولالمايدۇ

2021.01.04 19:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۆۋەن ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قەبىھ جىنايى ۋەقەلىرى ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى، بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تۆۋەن ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشنى تەلەپ قىلىش ساداسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولماقتا. 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-يىغىنىدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11) ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە: جازالاشقا بولىدىغان ياش قۇرامىنىڭ تۆۋەن چېكى ئىلگىرى 14 ياشتىن تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا، 12 ياشقا توشقان ياشتىن باشلاپلا، يەنى 14 ياشقا توشمىغانلارمۇ ئەگەر قەستەن قاتىللىق قىلىش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، ھەمدە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە زامىن بولغان ياكى پەۋقۇلئاددە قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈپ ئېغىر مېيىپ قىلىپ قويغان بولسا، قىلمىشى قەبىھ بولسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سۈرۈشتۈرۈشنى تەستىقلىغان بولسا، ئۇ ياشتىكىلەر جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئەڭ يېڭى ئەھۋالغا ماسلىشىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش، شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاش، قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭىتىشتىكى زۆرۈر تەدبىر.

  رېئاللىقتىن قارىغاندا، تۆۋەن ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قەبىھ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، گەرچە بۇ خىل جىنايى قىلمىشلاردىكى قەبىھ ۋاسىتىلەر ۋە ئۇنىڭ يامان تەسىرى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دېلولىرىدىكى ئەھۋاللاردىن پەرقلەنمىسىمۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن بەلگىلىمە سەۋەبلىك، ئۇ ياشتىكىكەر جازالىنىشتىن ساقلىنىپ قالاتتى. 2019-يىلى 10-ئايدا، لياۋنىڭ داليەندە 13 ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ 10 ياشلىق قىزنى ئۆلتۈرۈش پاجىئەسى يۈز بەردى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇ ئۆسمۈر قاتىل ھەتتا رازۋېتكا خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئىككى قېتىم بېرىپ دېلو ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان. دېلو ئېنىقلانغاندىن كېيىن، بۇ ئۆسمۈر قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا يەتمىگەنلىكتىن، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان. بۇنداق نەتىجە تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان ئىدى.

  مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ياش چېكى ھەرگىزمۇ جىنايەتنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى ئەمەس، يېشى كىچىك بولۇش ئەمدى جازادىن قۇتۇلىدىغان «ئالتۇن دەستەك» بولالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بەدەن ساپاسى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ؛ تور ئۇچۇرلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۆكۈشى بىلەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھى ۋە ئەقلىدىمۇ بالدۇر يېتىلىش خاھىشى كۆرۈلىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىدە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنىڭ يېشى ئىلگىرىكى ئون ياشتىن كېيىنكى سەككىز ياشقا تۆۋەنلىتىلگەن ئىدى. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11)دە جىنايى جاۋابكارلىق يېشى 12 ياشقا تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان، قۇرامىغا يەتمىگەن، ئەمما قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا، تەربىيە بېرىشنى ئاساس، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھېسسىياتىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئاددىيلا قىلىپ «سولاپ قويۇپ ئىشنى تۈگىتىش» ياكى «قويۇپ بېرىپ كارى بولماسلىق»قا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ياخشى قانۇن ياخشى ئىدارە قىلىدۇ. بىز بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بۇ قانۇن قىلىچىنىڭ يېتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەر بىر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ